دۇنيادا ھەر قانداق بىر مۈشكىلىنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ تاماكىنى تاشلاش ئىشى شۇنچىلىك قىيىن كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئۇنى تاشلاش مۇمكىندۇر تۆۋەندىكىلەر تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن ياردەمچى بولالايدۇ:

 

1 .ئاللا تائالاغا سېغىنىپ دۇئا قىلىش ۋە بۇ نىجىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللا تائالاغا چىن ئېسىلىش. ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دەپ ئوچۇق جاكارلىدى. ئاللا تائالا نىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىشىدا شەك يوق. ئەمما دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەتلەرمۇ بار. مەسىلەن: يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ ھالالدىن بولۇشى، دۇئانى ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىلەن قىلىش، دۇئادا راستچىل، سەمىمىي بولۇش، ئاللانىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش، ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ، دەپ دۇئادىن زىرىكمەسلىك ۋە باشقىلار.

2 .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللا تائالا غا دۇئادىن ئېېسىل كۆرۈنىدىغان نەرسە يوقتۇر». يەنە ئۇ مۇنداق دېگەن:« كېسەللىرىڭلارنى پېقىرلارغا خەير ـ ئېھسان قىلىش بىلەن داۋالاڭلار، ماللىرىڭلارنى زاكات بىلەن ساقلاڭلار ۋە بالالارغا دۇئا بىلەن تاقابىل تۇرۇڭلار».

3 .ئاللا تائالا غا تەقۋالىق قىلىش، يەنى ئاللا تائالا غا سېغىنىپ ئۇنىڭ غەزىبىگە ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن قېچىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېگە بولۇش. ئاللا تائالانىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن كىشىنى ئاللا تائالا ھېچ ۋاقىت زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە: « كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللا تائالا ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىدۇ» ۋە «كىمكى ئاللا تائالاغا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللا تائالا ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ»، دە پ كۆرسەتكەن.

4 . تاماكىنى دەر ھال تاشلاش. ئۇنى دەرھال تاشلاش ئالاھىدە چىن ئىرادە باغلاشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش. لېكىن ئۇ بەزىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا قىيىن ئىشمۇ ئەمەس. ئۇنى قىيىن كۆرگەن كىشى رامازان كۈنلىرىدىكى ھالىنى ئەسكە ئالسا بولىدۇ. رامىزان كۈنلىرىدىمۇ ئۇ يېمەك ـ ئىچمەك، تاماكا چېكىش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردىن مەجبۇرىي ئۆزىنى توسىدۇ. بۈگۈن تاشلايمەن، ئەتە تاشلايمەن دەپ كەينىگە سوزۇش شەيتاننىڭ قارمىقىغا ئېسىلغانلىق بولۇپ، شەيتانىي نەپس ئۇنى تاشلاشقا پۇرسەت بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، تاماكىنى تاشلاش قارارىغا كەلگەن ھامان ئۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزۈشتۇر.
تاماكىنى دەرھال تاشلاش ۋە تاماكا چەكمەسلىككە ئادەتلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىش كېرەك:


 

1 . تاماكا چېكىدىغانلارغا ئارىلاشماسلىق.

2 . تاماكا چېكىش ئەسناسىدا ئىستېمال قىلىپ كەلگەن شەيئىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى تەرك ئېتىش.

3 .گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىش.

4 . مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش.

5. تاماكا خومارى تۇتقان بىر قانچە مىنۇتلۇق قىيىنچىلىققا سەۋر بىلەن تاقابىل تۇرۇش. شۇ بىر قانچە مىنۇتقا چىدىغان ئادەم ئۇنى تاشلاپ كېتەلەيدۇ.

6 .ئۆگىنىپ قالغان يامان ئادەتنى تاشلاشتا ، ئۇنى تاشلاشقا بولغان چىن ئىرادە ۋە ئۇنىڭغا قايتماسلىققا رەسمىي بەل باغلاشنىڭ رولى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، خىيالىنى باشقا ياققا بۇراش، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش بىرقانچە مىنۇتلۇق بۇ خۇمارنى ئونۇتۇشقا ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تەلىم ـ تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى تاماكانى تاشلاش ئۈچۈن قىلغان تەۋسىيەلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .