تاماكىنىڭ زىيىنى ھاراقتىنمۇ چوڭ ئۇنىڭ خۇمارى ھاراق خۇمارىدىنمۇ كۈچلۈكتۇر تاماكا ئەنە شۇنداق يامان ئاپەت تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش چىقىش ئەڭ قىيىن بولغان خەتەرلىك بىر يولنى تاللىۋالغانلىقتۇر

 

 

زىيانلىق ماددىلار ئىچىدە تاماكا ئىنسان ساقلىقىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۈستى يېپىق جايلاردا، خۇسۇسەن،ئىش ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشىنى قەتئىي تۈردە مەنئىي قىلىپ كەلمەكتە.

لېكىن تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ماددىسىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەر بەدىنىدە قوزغاش كۈچىنىڭ زورلۇقى ۋە بەدەننىڭ تەلەبلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۇنى تاشلاش يولىدا كۆپ ئازاپلانماقتا.

بەڭگىنىڭ خۇمارى تۇتقاندا تاماكا دېگەن بۇ نىجىس نەرسە ئەڭ ئېسىل غىزالاردىنمۇ لەززەتلىك كۆرىنىدۇ. تاماكىسى تۈگەپ قالغان بەڭگىنىڭ خۇمارى تۇتقان ۋاقىتتا تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ، كىشىلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىسىمۇ ياخشى بولالمايدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇ تاماكا چېكىپ خۇمارىدىن چىقمىغىچە قولى ئىشقا بارمايدۇ.


مانا، تاماكا دېگەن ئەنە شۇنداق يامان ئاپەت. بەڭگىلىك دېگەن ئەنە شۇنداق ئاۋارىچىلىق ۋە كېسەللىكتۇر. تېخى ئۇنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەپتىن تارتىدىغان زىيانلىرى ئايرىمدۇر. تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇنداق بىر دەردى يوقتۇر.

تاماكىنىڭ زىيانلىرى ۋە ئاۋارىچىلىقلىرى شۇنداق كۆپ بولغان ئىكەن، ئۇنى چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش ئەڭ ياخشىدۇر. «ساقلىنىش داۋالىنىشتىن ئەۋزەل» دەيدىغان ھېكمەت ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.


تاماكىغا ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان چارە ـ تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە:

1 . تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن ئىمكان قەدەر ئارىلاشماسلىق. ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن چارىسىز ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان تەقدىردىمۇ، تاماكىغا سەلبىي نەزەر بىلەن قاراش، ئۇنى بىر خەتەرلىك ئاپەت دەپ تونۇش ۋە شۇنداق مۇئامىلە قىلىش.

2.ئۆگىنىپ قالمايمەن دېگەن ئىشەنچ بىلەن بىر قېتىم، ئىككى قېتىم چېكىپ بېقىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش.

3. تاماكىغا زورلىغۇچىلارغا قەتئىي بوي ئەگمەسلىك ۋە شۇنداق ئەھۋالغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشنىڭ چارە ـ تەدبىرلىرىنى قىلىش.

4. تاماكا چېكىدىغانلار بار سورۇنلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئامالسىز قاتنىشىپ قالغاندىمۇ، بەڭگىلەردىن يېراقراق ئولتۇرۇش.

5. سىزگە تاماكا سۇنغان كىشى ھەر قانچە يېقىن كىشىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى قىلماستىن قەتئىي رەت قىلىش.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكاغا يۈزلىنىشنىڭ ئومۇمىي سەۋەبلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق قىلغاندا تاماكانى تاشلىغىلى بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .