ئەنگلىيىنىڭ ساۋسھاميېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار تۆۋەندىگىچە:

 

1. ئۆزىنى بېسىۋېلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ھارغىنلىق ( بەڭگىلەرنىڭ تەبىرى بويىچە)

2. تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي بەدەننىڭ راھەت ھېس قىلىشى.

3. تاماقتىن كېيىن ياكى كوفى بىلەن تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىڭ قالغانلىق سەۋەب بىلەن ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولۇشنىڭ قىيىنلىقى.

4. تاماكا تاماقنىڭ ئورنىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن. چۈنكى تاماكا ئىشتىھانى ئۆزايتىدۇ.

5. تاماكا چېكىتىدىغان دوستلار بىلەن ئارىلاشقانلىق سەۋەب بىلەن چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش.

6. بەزىلەر كىشىلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ زورىغا تاماكا چېكىپ قويىدۇ.

7. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىكىنى ئىسپاتلىغانلىق دېگەن ئېتىقاد بىلەن چېكىدۇ.


سەئۇدى ئەرەبىستان قرال سەئىد ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. بالىلارنىڭ بەڭگى ئاتا ـ ئانىلىرىنى دورىشى ۋە ئاتىلارنىڭمۇ ئۇلارنى توسماسلىقى.

2. بەڭگى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش، خۇسۇسەن بالىلار يىگىتلىك ياشلىرىدا بەڭگىلەر بىلەن دوست بولىشى.

3. بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى كۆرسىتىش دەۋاسى بىلەن زورىغا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىۋېلىشى.

4. غەم ـ قايغۇ، ئەندىشىلەردىن قايسى بىر يول بىلەن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش مەقسىتى بىلەن كىشىلەر تاماكىغا يۈزلىنىدۇ.

5. تاماكىنىڭ تەن ساقلىقىغا قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىگە ئېتىبار بەرمەسلىك.

6. ئىرادىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەۋر ـ تاقەتنىڭ كەملىكى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا ماددىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشتىن ساقلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .