1 تاماكا ياساپ چېكىلىدۇ 2 سۈيىنى چىقىرىپ شېشىگە قاچىلاش ۋە تاتلىق شېكەر ياكى ھەسەل

 

1. تاماكا ياساپ چېكىلىدۇ.

2. سۈيىنى چىقىرىپ شېشىگە قاچىلاش ۋە تاتلىق شېكەر ياكى ھەسەل قاتارلىقلاردىن بىرىنى قوشۇش ئارقىلىق چېكىلىدۇ.

3. كەمپۈت شەكلىدە ياسىلىپ چاينىلىدۇ.

4. بەزى كېسەللەرنىڭ بۇرنىغا داۋا ئورنىدا پۇرىتىلىدۇ.


تاماكىدىن تاماكا ياسالغاندا، ئۇ كۆپلىگەن خىمىيەۋىي ماددىلار بىلەن ئارىلاشتۇرىلىدۇ. مەزكۇر ماددىلارنىڭ ھەممىسى تەن ساقلىق ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. بۇ ماددىلارنىڭ مۇھىملىرىدىن:

1. نېكوتىن : ئۇ زەھەرلىك خېمىيىۋىي ماددىدۇر. ئۇنىڭ زەھەرلەش كۈچى شۇنچىلىك زور بولۇپ، 60 مىل گرامما نېكوتىننى شپىرىس بىلەن ئادەم بەدىنىگە سالغان ھامان ئادەم ئۆلىدۇ.

2. قەتىران: تاماكا چەككەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسىدىن فىلتىردا پەيدا بولىدىغان، خۇددى يوللارغا بېسىلىدىغان قارا مايغا ئوخشايدىغان ئاققۇچى خاراكتېرلىك ماددىدۇر. ھۆل ئوتۇنلارنى كۆيدۈرگەندە ئۇنىڭ كۆيگەن يېرىنىڭ ئاستىدىن ئاقىدىغان قارا سۇغا ئوخشاش، تاماكا چېكىلگەندە پەيدا بولىدىغان قارا ئىسلىق ماددىدۇر.

3. ئوكسگېن.

4. ھىدروگېن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكانىڭ تەركىبى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكاغا يۈزلىنىشنىڭ ئومۇمىي سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .