تاماكا ـ چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ياپراقلىرى ئاق كېلىدىغان ھىدى سېسىق بىرى خىل ئۆسۈملۈكتىن ئىبارەتتۇر ئۇ نىكوتىن، پۇتاس، نېكوتيانې، كوللىدىي، ھىدروگېن، ئوكسگېن قاتارلىق ماددىلار بىلەن تەركىبلىنىدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك ماددىلاردۇر

 

تاماكا چېكىش تەن ساقلىقى ئۈچۈن زىيانلىقتۇر

 

زامانىمىزدا تاماكىنىڭ ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە قاتتىق زىيانلىق بىر ئاپەت ئىكەنلىكى ھەركىمنىڭ نەزىرىدە شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانماقتا.

 تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەجرىبىلەر بۇ ھەقىقەتنى كۈچلەندۇرمەكتە. تاماكىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولغان زىيىنى بار، دېسەم نېمە دەيسىز! مەلۇمكى، ھەرقانداق بەڭگى ئاق چەكمەيدۇ. بىراق ھەر قانداق ئاق چەككۈچى بەڭگىدۇر!


تاماكا ـ چەيزە ئائىلىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ياپراقلىرى ئاق كېلىدىغان ھىدى سېسىق بىرى خىل ئۆسۈملۈكتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ نىكوتىن، پۇتاس، نېكوتيانې، كوللىدىي، ھىدروگېن، ئوكسگېن قاتارلىق ماددىلار بىلەن تەركىبلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك ماددىلاردۇر.

« تاماكا » سۆزىنىڭ ئەسلى ھىندى تىلىدىكى «tobaco» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان قاراش بار. يەنە بەزىلەر « tobaco »سۆزى مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر ئارالنىڭ نامى بولۇپ، تاماكىنىڭ شۇ جايدا تېپىلىپ كېيىنچە ئىسپانىيىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئۈچۈن شۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان، دەپ قارايدۇ. تاماكىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى مەلۇم ئەمەس.

بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ قايسى رايونىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس. كولومبو ئۆزىنىڭ ئىسپانىيىلىك ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنى كەشپ قىلىش ئۈچۈن 1492 ـ يىلى تۇنجى قېتىم بارغىنىدا، ئۇلار تاماكا ماددىسى بىلەن تونۇشقان ۋە شۇندىن بېرى تاماكا ماددىسى بارچە ياۋروپا قىتئەسىگە تارقالغان ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا چەككۈچىلەر سۈتنى كۆپ ئىچىشى كىرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا ماددىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .