ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، يېنىدا تۇرغانلارنىڭمۇ سالامەتلىكىنى بىۋاسىتە زىيانغائۇچرىتىدۇ

 

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا ئىسى 30 مىنۇتتىلا قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سېلىپلا قالماي، بۇنداق زىيان سېلىش 24 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدىكەن.

   تەتقىقاتقا 29 ياشتىن 31 ياشقىچە بولغان، ئەزەلدىن تاماكا چىكىپ باقمىغان ئون پىدائىي تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنغان. ئۇلار تاماكا چېكىش رۇخسەت قىلىنىدىغان قاۋاقخانا مۇھىتى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى قويۇق تاماكا ئىسى مۇھىتىدا بىر سائەت، ئىككى يېرىم سائەت ۋە 24 سائەت تۇرغۇزۇپ كۆزىتىلگەن، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇلترا ئاۋازدا تەكشۈرۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ئانالىز قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان.

نەتىجىدە، تاماكا تۇتاشتۇرۇلۇپ 30 مىنۇت ئىچىدىلا سىناق ئوبيېكتلىرىنىڭ قان تومۇرى زىيانغا ئۇچراش بىلەن بىللە، تاماكا ئىسى بەدەننىڭ قان تومۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بايقالغان.

شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىنغان


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دادىسى تاماكا چەكسە ، ئوغۇل بالىنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كىسەل بولامدۇ? توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .