تاماكا چېكىش — ھەممە كېسەلنىڭ مەنبەسى ، ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق بولۇپ ، ئەۋلادلارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ مۇتەخەسسىسلەر : ساغلام پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئاتا–ئانىلا ، بولۇپمۇ دادا قەتئىي تاماكا تاشلىشى كېرەك ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ‹‹ ئەۋلادلىرىنى جۇدا قىل

   تاماكىنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئىزچىل تېببىي ساھەسىدىكىلەر دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە . گېرمانىيە ۋە دانىيە يېقىندا تاماملىغان ئىككى تەتقىقات تۈرىدە : تاماكا ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى DNA نىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ ، دەپ تەكىتلەندى .
 
   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1–دوختۇرخانا ئەرلەر كېسەللىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گاۋ بىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : نۇرغۇن تەتقىقاتتا تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدېنى ۋە كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىگە زىيانلىق بولۇپ ، قان تومۇرىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . بۇ ، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تېستوستېروننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ئۇ يەنە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، جورىسىنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . تاماكا چەككەندە يەنە ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ ، ئەۋلادىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ، پەرزەنتلىك بولالماسلىق كېسىلى داۋالىغاندا دوختۇرلار دائىم : تاماكا چېكەمسىز ؟، دەپ سورايدۇ .
 
   ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا : ئاياللار ھامىلدار بولغان مەزگىلدە تاماكا چەكسە ياكى تاماكا چەككەن مۇھىتتا يۈرسە تۇغۇلغان ئوغۇلنىڭ كېيىن پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىكەن . نۇرغۇن زەھەرلىك ئىس–تۈتەك ھامىلدار ئاياللارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى ، يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىكەن .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكىنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكىدىن ئىسلىنىش تېزلا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .