ئامېرىكىلىق ئالىملار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تېپىپ چى

  ئامېرىكىلىق ئالىملار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ ئائىلىنى ھەر قايسى نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ، مۇنداق يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەگەر 16ياشتىن 18ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى داۋاملىق تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى خېلىلا چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى بەك تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ تەسىرنىڭ ئالدىدا ئىقتىسادىي ۋە خاراكتېر ئامىلىنىڭ تەسىرى يوق دىيەرلىك بولۇپ، تاماكىنىڭ زىيىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ھەتتا %30 تىن ئېشىپ كەتكەن. 

  بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پېروفىسسور برادلېي كوللىنىس مۇنداق دېدى: گەرچە نېمىشقا مۇنداق بولىدىغانلىقىنىڭ كونكېرت سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاتا - ئانىلار تاماكا چەكسە، ھامىلىنىڭ بىلىش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى، تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى باشقا بالىلاردىن خېلىلا تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئايان بولغان.

بۇ نەتىجە بىزدىن تاماكىدىن ۋاستىلىك زەھەرلىنىشنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل زىيان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاتا - ئانىلار بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك.

بىز ئاتا - ئانىلاردىن دەرھال تاماكا تاشلاشنى تەلەپ قىلمايمىز، بۇنداق قىلىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ، بىراق ئۇلار تەدرىجىي تاشلاش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىپ باقسا تامامەن بولىدۇ! 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا چېكىش ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دادىسى تاماكا چەكسە ، ئوغۇل بالىنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .