تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆپلىگەن مېدىتسىنا تەجرىبىسى ۋە تەتقىقاتتا قايتا – قايتا ئىسپاتلانغان


 
    شوتلاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ دۆلەتنىڭ 1947 – يىلىدىكى 465 نەپەر 11 ياشلىق بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى سىناش ماتېرىيالىغا ئېرىشكەن، ئەينى ۋاقىتتا بۇ بالىلارنىڭ پۈتكۈل مېڭە ئىقتىدارى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر بولغان. بۇ ماتېرىياللارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلاردا يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئىستىكى تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار 2000 – يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بايقىغان.
 
    بەش تۈرلۈك بىلىشنى سىناش داۋامىدا، ھازىرمۇ تاماكا چېكىۋاتقانلارنىڭ ئالغان نومۇرى ئەڭ تۆۋەن، ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغانلارنىڭ ئالغان نومۇرى ئەڭ يۇقىرى، ئىلگىرى تاماكا چەككەن ئەمما ھازىر تاشلىغانلارنىڭ ئالغان نومۇرى ئوتتۇرا ھال بولغان. ئۇلارنى سىناشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش، ئەستە تۇتۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى بىلىش ئىكەن.
 
    بۇ تەتقىقاتنى ئابېردىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لاۋرېنىس ۋال قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما بىر تۈرلۈك لوگىكىلىق ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىنكى مەزگىللىك ھايات داۋامىدا، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئەركىن رادىكال، دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹زىيانلىق ئاتوم››غا نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، تاماكا چەككەن ۋاقىت تاماكىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ دەل مۇشۇنداق زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئاستا – ئاستا ھاماقەتلىشىدىكەن.
 
    ناۋادا ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن يېنىك بوۋاق تۇغۇش، بالدۇر تۇغۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوڭايلا كانايچە يەللىكى، ئۆپكىسى نورمال يېتىلمەسلىك، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاسانلا زىققا، ئوتتۇرا قۇلاق يەللىكى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بوۋاقلار ھەم بالىلارنىڭ بىلىشى ۋە يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئەقلىي ئىقتىدارى ساغلام بالىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاجىز بولىدىكەن.
 
ھاكىمجان ئابدۇكېرىم تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكىنى دەرھال تاشلاڭ! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكىنىڭ يەنە قانداق زىيىنى بار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .