فىنلاندىيە تەتقىقاتچىلىرى 1966 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى تەييارلىغان 81 يۈرۈش تېببىي دوكلاتنى تەھلىل قىلغان

تەتقىقاتچىلار بەل ئاغرىش بىلەن تاماكا چېكىش ئادىتىئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق: تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قىسقا مەزگىللىك بەل ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن %31 يۇقىرى بولىدىغانلىقى؛ سوزۇلما خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان ۋە بېلى قاتتىق ئاغرىيدىغان ئاغرىقلار ئارىسىدا، تاماكا چېكىش بىلەن بەل ئاغرىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولىدىغانلىقى؛ تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ بەل ئاغرىش ئەھۋالىنىڭ تاماكىنى داۋاملىق چېكىۋاتقان كىشىلەردىن يېنىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلار: بەل ئاغرىش بىلەن تاماكا چېكىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب، تاماكا چەككۈچىلەردە سۆڭەك شالاڭلىشىش ئاسان كۆرۈلىدىغانلىقى، شۇنداقلا قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئاغرىشنى يەتكۈزگۈچى خىمىيەۋى ماددىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكىنى دەرھال تاشلاڭ! توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .