تاماكىنىڭ شەخىسگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىينىنى مۆلچەرلەش ۋە ھىسابلاش ئىنتايىن ئاسان

ئۇمۇمى ئىقتىسادى زىياننى ھىسابلساق، مەملىكىتىمىزدىكى 300 مىليۇندىن ئارتۇق « بەڭگى»نىڭ ھەر بىرى ھەر كۈنى ئىككى يۈەنىلىك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 600 مىليۇن يۈەننى، بىر يىلدا 219 مىليارد يۈەننى چىكىپ تۈگىتىدۇ، ئەگەر ھەر بىر بەڭگى ھەر كۈنى ئۈچ يۈەنىلك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 900 مىليۇن يۈەن، يىلدا 328 مىليارد يۈەن كىتىدۇ، مۇشۇنداق زور بايلىق بىكاردىنلا ئىسراپ قىلىندۇ.


تاماكا ئىستىمالى ئىقتىسادى كىرىمى ئوخشاش بولمىغان ئائىلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، تاماكىنىڭ تۈرى، سانى، باھاسىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۈت بۇلىدۇ. نۇرغۇن ئائىلەردە بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرغا قارىغاندا تاماكىغا كۆپرەك پۇل چىقىم قىلىندۇ. قىسقىسى، «بەڭگى»لەر تاماكىغا پۇل خەجلەشكە ئىككىلەنمەيدۇ، كۈزى قىيدۇ. شەخىسلەرنىڭ تاماكا چىقىمىنى ھېساپلاپ كۆرەيلى: ئەگەر مەلۇم كىشى 20 ياشتىن باشلاپ ھەر كۈنى بىر قېپى بىر يۈەنلىك تاماكا ( ئەمىليەتتە بۇنداق ئەرزان تاماكا يوق) چەكسە ھەم 60 ياشتا كېسەل سەۋەبى بىلەن تاماكا تاشلىسا، 40 يىلدا جەمئي 14400 يۈەن پۇلنى چىكىۋەتكەن بۇلىدۇ.
 
مەملىكىتىمىزدىكى 400 مىليۇنغا يىقىن «بەڭگى» ھەر ئايدا ھەر بىرى 20 يۈەنلىكتىن تاماكا چەكسە، ھەر يىلى 96 مىليارد يۈەننى كۆيدۇرۇپ تۈگىتىدۇ. ئەگەر بۇ 400 مىليۇن «بەڭگى»نىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلىسا ھەم ھەر بىرى ھەر ئايدا 20 يۈەندىن ئامانەت قويسا، 10 يىلدا غايەت زور پۇلغا ئايلىناتتى. بۇ پۇل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنيەت، مائارىپ، ئىلىم- پەن، سەھىيە ئىشلىرى خىراجتنىڭ 30 ھەسسىگە توغرا كېلەتتى. تاماكا تاشلاپ ئامانەت قويغان پۇل تاماكا بېجىغا قارىغاندا دۆلەتكە تېخىمۇ زور بايلىق ئېلىپ كەلگەن بۇلاتتى.
 
<< تاماكىنىڭ زىينى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چەت ئەللىك مەشھۇر زاتلارنىڭ تاماكا تاشلىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكانىڭ جۇڭگۇغا كىرىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .