مەركىزىي خەلق ردىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ قەھرىمان-نەمۇنىچىسى يې جىڭلىن ‹‹ئۆيگە قايتىش›› نامىلىق ھېكايىسىنى يېزىش ئۈچۈن كچىكككىنە ئۆيدە بىر كېچە-كۈندۈز ئولتۇرۇپ،3~4قاپ تاماكا چېكىپ بولغان،ئاخىرىدا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار ب

    بەزى ياشلار ھاياتىنى قەدىرلىمەيدۇ، ھەتتا قانچىلىك تاماكا چېكىشنى قىمار ۋاسىتىسى قىلىشىدۇ.
 
بىر زاۋۇتتا بىر نەچچە ياش كىم بىر سائەتتە كۆپ تاماكا چېكەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بەسلەشكەن ھەمدە ‹‹كىچىك ئايلانما››ئەمەس،بەلكى‹‹چوڭ ئايلانما››قىلىدىغان بولغان.
 
 بۇ يەردىكى ‹‹چوڭ ئايلانما››تاماكا ئىسىنى ئاغزىدىن سۈمۈرۈپ بۇرنىدىن چىقىرىشنى،‹‹كىچىك ئايلانما››تاماكا ئىسىنى ئاغزىدىن سۈمۈرۈپ ئاغزىدىن چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ,بەسلىشىشتە ئەك ئاخىرىدا بىر يىگىت بىر سائەتتە بىر قاپ تاماكىنى چېكىپ بولۇشتەك ‹‹ئەلا نەتىجىسى››بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ،ئۆتكۈر يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ‹‹مۇكاپاتلانغان››ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن مەڭگۈ ئايرىلغان،دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق جېنى ئامال قالغان.

 
    بىزنىڭ بىر ئاسپىرانتىمىز تاماكا چېكىشنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تاماكا چېكىش مىقدارى بىر ھەسسە كۆپەيسە،تاماكا چېكىش زىينىنىڭ تۆت ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتنى بايقىغان.

 
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندە چېكىدىغان تاماكىسى بەش تالدىن ئاشمىسا زىيىنى چوڭ بولمايدۇ،بەش تالدىن ئاشسا زىيىنى چوڭ بولىدۇ.تاماكا چېكىش زىينى بىلنە تاماكا چېكىش مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ،يەنى تاماكا چېكىش مىقدارى بىر ھەسسە كۆپەيسە تاماكا چېكىش زىيىنى تۆت ھەسسە كۆپىيىدۇ،تاماكا چېكىش مىقدارى ئىككى ھەسسە كۆپەيسە تاماكا چېكىش زىيىنى توققۇز ھەسسە كۆپىيىدۇ.

 
بەڭگىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئستېمالىمۇ خىلى يۇقىرى بولىدۇ.مەسىلەن: بىر ئادەم تاماكا چېكىشكە كۈنىگە بەش يۈەن خەجلىسە بىر يىلدا ئاز كەم 2000يۈەن خەجلەيدۇ.بۇ پۇلغا راۋۇرۇس بىر قۇر كىيىم ۋە ئاياغ سېتىۋالغىلى بولىدۇ.نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىر ئۆمۈر چەككەن تاماكىسىنىڭ پۇلىغا داۋالىنىش پۇلىنى قوشساق ئوتتۇراھال ئولتۇرۇق ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىدىغانلار كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .