تاشقىي تەسىرنىڭ گېندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ بۇ تەسىرگېننىڭ تەرتىپ سېفىرىداخاتالىق پەيدا قىلىدۇ يەنى ھۆجەيرىنىڭ خاتا ئۇسۇلدا،خاتا ۋاقىتتا ۋەخاتا ئورۇندا كۆپۇيىشىگە تۇرتكە بولۇپ، يامان سۇپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ

تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلدى:بەڭگىلەر ھەر 15 تال تاماكا چەككەندە DNA دا بىر قېتىم تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش مەڭگۇلۇك يارا پەيدا قىلىپ، ئادەم تېنىگە يوقىلىش خاراكتىرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئەڭ يامىنى بۇ خىل مەڭگۇلۇك يارا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدۇ. 

ھاراق ھەققىدە ئىككى كەلىمە

سۆزتەتقىقاتچىلار ھازىرئەنئەنىۋى ھاراق ئورنىنى ئالالايدىغان يېڭى ھاراقنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. بۇ خىل ھاراق خوشاللىق ئىزدەپ ھاراق ئىچىدىغانلارغا چەكسىز خوشاللىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن ،ئۇلارنى قاتتىق مەست قىلىۋەتمەيدۇ.شۇنداقلا مەستلىكتىن يىشىلگەندە باشنى ئاغرىتمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئىىل ھاراقنى ئىچىپ مەست بولۇپ قالغانلارنى ھوشىغا كەلتۇرمەك ئاسان، يەنى ئالاھىدە ياسالغان بىر تال تابلېتكىنى يىگۇزىۋەتسىلا ھاراق تەسىرى پۇتۇنلەي تارقاپ كېتىدۇ. 

 
ئالىملارنىڭ يەنە بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلدى:ئادەم ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، بەدەندىكى گىلوكوزاقاننىڭ ئايلىنىش سۇرئىتى تىزلىگەنلىك سەۋەپلىك پۇتۇنلەي خوراپ كېتىدۇ. قاندىكى شېكەر تەركىبىمۇ زور دەرىجىدە تۇۋەنلەيدۇ، نەتىجىدە بەدەننىڭ تېمپىراتۇرىسى تېزلىكتە چۇشۇپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە،ھاراق جىگەرنىڭ نورمال فىزولۇگىيىلىك ئىقتىدارىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا،بەدەندە بولۇشقا تېگىشلىك گىلۇكوزىنىڭ تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىشىگە مومكىن بولماي، ئورگانىزىملاردا شۇك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ ھالنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىگى ھەممىگە ئايان. 
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كەيپىڭىز ئۇچقاندا تاماكا چەكمەڭ! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .