كۆپىنچە ئادەملەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ تاماكا چېكىدىغانلار تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئورۇق بولىدۇ تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن سەمىرىيدۇ

             تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئورۇق بولۇشىدىكى سەۋەپ ، تاماكا تەركىبىدىكى نېكوتىن ئورگانىزمدا قوڭۇررەڭ ياغ توقۇلمىسىنىڭ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشىنى ، پۈتۈن بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئاشۇرۋېتىدۇ . نەتىجىدە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەيدۇ .
 

               ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلاندىكى ، تاماكا چەككۈچىلەر سەمىرىسە ياغ قورسىقىغا يىغىلىدىكەن . ئەمما تاماكا چەكمەيدىغانلار سەمىرىسە تەكشى سەمىرىدىكەن . تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ، قورساق قىسمى سېمىز كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن . 

              تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قورساق بىلەن ساغرا سېمىزلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يېشى ، تەن قۇرۇلۇشى ، تاماكا چېكىش مىقتارى چېنىقىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز .

               شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، تاماكا چېكىپ ئورۇقلاش بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەس !!


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا ھەققىدە قىسقىچە پاراڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كەيپىڭىز ئۇچقاندا تاماكا چەكمەڭ! توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .