تاماكا چىكىش بەدەنگە زىيانلىق ، بۇ ھەممە كىشىلەرگە ئېنىق بولغان بىر ئۇقۇم تاماكا تاشلاشتا كىشىلەر كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ ئىشلىتىپ باققان ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى 10 باسقۇچ بۇرۇنقى كىشىلەر يەكۈنلەپ چىققان ئۇسۇللار ، ئىشلىتىپ بېقىش

        1 . پايدىلىق تاماكا تاشلاش ئۇسۇلنى ھازىرلاڭ .

          تاماكا ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش ( تاماكا ، كۈلدان ، چاقماق قاتارلىقلار ) ئالدىنئالا دوسلىرىڭىزغا ۋە ئىشداشلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا تاشلىغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن سىزنى يېقىندىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ .


          2 . ھەمراھتىن بىرنى تېپىڭ .

          ناۋادا يېنىڭىزدا تاماكا تاشلىشىڭىزنى قوللايدىغان بىر توپ ئادەم ياكى بىرەر تەشكىلات بولسا ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىڭ ، بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئويغۇن كەلمەيدۇ . شۇڭا سىز تاماكا تاشلاش جەريانىدا يېنىڭىزدىن ئايرىلمايدىغان ، ھەر دائىم سىزگە مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان ، مەنىۋى جەھەتتىن سىزنى ھەقىقى قوللايدىغان ئادەمدىن بىرنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ . شۇنداق بولغاندا تاماكا تاشلاش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى غېرىپ ھىس قىلمايسىز ھەم بىلىپ - بىلمەيلا تاماكىنى تاشلىۋېتىسىز .


          3 . ۋىتامىنC  نى ئۆزلەشتۈرۈڭ .

          تاماكا تاشلىغان بىرىنچى ھەپتىنىڭ  ئالدى - كەينىدە ، بەدەننىڭ يېتەرلىك ۋىتامىن  C  نى ئۆزلەشتۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يېڭى مېۋە - چېۋە ياكى مېۋە شەربىتىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا  ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم .


          4 . چېنىقىڭ .

          تاماكا تاشلاش جەريانىدا ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم . تاماكا تاشلاپ بىرىنچى ھەپتىسى ئەڭ ياخشىسى ھەركەت مىقتارىنى  ئاشۇرۇڭ . شۇنى يادىڭىزدا تۇتۇڭكى ، ھەرگىز ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇردىغان بەت قىلىقنى ئۆزىڭىزگە يۇقتۇرۋالماڭ .


          5 . بىر مەزگىل قەھۋەگە يېقىنى يولىماڭ .

          بۇ گەپنىڭ سىزگە يېقىش ناتايىن . مەن ئەسلى بۇ گەپنى سىزگە دېمەي دېگەن ئىدىم ، بىراق ، سىز تاماكا تاشلايدىغان دەسلەپكى چاغلاردا قەھۋە ئىچىشنى توختاتسىڭىز ، سىزگە ھەقىقەتەن پايدىسى تېگىدۇ . بىزگە مەلۈم ، تاماكا چېكىدىغانلار كوففېئىننى بىر قەدەر تېز ئۆزلەشتۈرىدۇ ، ۋاھالەنكى ، تاماكا تاشلىغاندا كوففېئىننى ئۆزلەشتۈرۈش سۆرىتى نورىمال سەۋيىگە كېلىدۇ .كوففېئىنن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېنىدە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىپ قالغاچقا ، ئادەمنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا تاشلىغان مەزگىلدە بۇنداق بىئاراملىق تېخىمۇ يامان . شۇڭا ، تاماكا تاشلىغان چاغدا ئىمكان بار قەھۋە ئىچمەك .


          6 . نىكڭرېتتې ( Nicorette ) يۇمشاق كەمپۈتى ۋە تاماكا تاشلاش مەلھىمى ( Skin Patch ) نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .

          تېببىي پەن ماتىرياللىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭقۇر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشچە  ،ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاش ئۇسۇلى - دوختۇر ، پىسىخولوگ ياكى باشقا مۇتەخەسسلەردىن بۇ ھەقتە پات - پات تەلىم ئېلىپ تۇرۇش ، سۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىكورېتتې يۇمشاق كەمپۈتى ، نىكتېن سېغىزى ياكى تېرىنى مايلايدىغان تاماكا تاشلاش مەلھىمى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش ئىكەن .

          نىكڭرېتتې يۇمشاق كەمپۈتىنى يەپ ئادەتلىنىش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېرەك . بۇ خىل كەمپۈتنىڭ غەيرى پۇرىقى بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چايناش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولغاچقا ، بۇنىڭغا كۈنۈش سەل تەسرەك . ئەمما ياخشى يېرى بۇ خىل كەمپۈتنى يېسىڭىز ، تاماكىنى ئاغزىڭىزغا ئالغۇڭىز كەلمەيدۇ .

          نېكوتىن سېغىزى ھازىرغا قەدەر تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلانغان بىر دىنبىر دورا .

          1991 - يىلى تېرىگە سۈركەيدىغان نىكوتىن مەلھىمى نىكودېرم ( Nicoderm )  ، خابىترول ( Habitrol ) ۋە پروستېر ( Prostep ) قاتارلىقلار دۇنياغا كەلدى . بۇ دورىلارمۇ تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە .


          7 . ئېتىقادىڭىزنى چىڭىتىڭ .

          ئەتىگەنلىك غىزا ياكى چۈشلۈك غىزانىڭ ئالدىدا ، جىمجىت ، خالى جايدىن بىرنى تېپىپ ، ئەركىن - ئازادە 15 مىنىۇت ئولتۇرۋېلىڭ ھەم كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ ، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىڭ .

          1) << مەن ئىس - تۈتەكسىز دۇنيادا ياشاشنى ھەم ياشلىقىمنىڭ مەڭگۈ جەۋلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن >> دېگەن ئىرادىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىر نەچچە قېتىم قايتىلاڭ .

          2) ئۆزىڭىزنى جەڭگىۋار ، چىرايىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ، ساغلام ، خوشال ، بەخىتلىك ھالىتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ .

          3) كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان خىياللار كېلىپ قالسا ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىماڭ ، ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ھەم ئېتقاد ۋە ئىرادىڭىزنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇنداق خىياللار تەبىئىي ھالدا كاللىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى يوقاتقۇچە ، ئىرادىڭىزنى ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماڭ .


          8 . << تاماك خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەن چاغدىكى ئازاب >> قا چىداڭ .

          << ئورۇقلاش مەۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچلىق ئازابى >> دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ ؟ ئۇنىڭ مەنىسى ئاچلىق ئازابى يەنىلا ئورۇق ئادەم بولۇشنىڭ بەلگىسى دېگەنلىكتۈر . ئۇنداقتا ، سىز تاماكا خۇمارى پەيدا قىلغان ئازابنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ بېقىڭ !!! تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەن چاغدىكى تىت - تىتلىق ۋە بىئاراملىقنى تاماكا تاشلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقنىڭ بەلگىسى ھەم تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى يەڭگىللىتىشنىڭ يالدامىسى قىلىڭ . بۇ خىل ئۇسۇل << ئاچلىق ئازابى >> غا قارىغاندا تېخىمۇ رىقابەتچىلىككە ئىگە . خالىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ ؟؟ ئۈنۈم بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .


          9 . تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەندە .

          تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتكەندە ، تالا - تۈزىگە چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كېلىڭ ياكى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنى مەشىق قىلىڭ . مۇمكىن بولسا ئارقىدىن بىر ئىستاكان سوغوق سۇ ئىچىۋېتىڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، تاماكا تاشلاپ دەسلەپكى 3 كۈن ئىچىدە ئىنتاينى بىئارام بولىسىز ، كېيىنچە بارا - بارا ياخشى بولۇپ كېتىسىز .


          10 . تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم بولۇڭ .

          سىز تاماكا تاشلاشقا ئىردە باغلىغان ۋە ئۇنى ئەمەليىتىڭىزدە كۆرسۈتۈشكە باشلىغان ھامان ، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىسىز . شۇڭا ، رېستورانلاردا تاماق يېگەن ياكى قاتناشتا .......سىرتلارغا چىققاندا ، ئىسسىز رايۇنلاردا بولۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇكى ، سىز ھازىردىن باشلاپ ساغلام ئادەملەر قاتارىغا كىردىڭىز .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىگە قانداق زېيىنى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان راكلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .