ئامېرىكىدىكى ئالىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بايقىغان : تاماكا چېكىدىغانلار سۈت ئىچىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كاناي ياللۇغىغاگرىپتار بولۇش ئازابىنى يېنىكلىتەلەيدىكەن

                   ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنۋېرىستىتنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،تاماكا چېكىدىغان ھەم كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشلەرنىڭ31.7%ى ئەزەلدىن سۈت ئىچمەيدىكەن،ھەر كۈنى سۈت ئىچىدىغان تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 20%كىمۇ يەتمەيدىكەن.

                   قاراشلارغا ئاساسلانغاندا،بۇ سۈت تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئا نىڭ كاناي دىۋارىنى قوغداپ،ياللۇغلىنش پۇرسىتىنى ئازايتقانلىقىدىن بولغان ئىكەن.ئالىملار يەنە مۇنداق بىر ئىشنى بايقىغان:سۈت تەركىۋىدىكى فوسفـاتىد ئاشقازان دىۋارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە قېلىن بىر قەۋەت سۇسىزلاشتۇرۇش قەۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئىسپرىتنىڭ ئاشقازان دىۋارىنى چىرىتىشىنى توسۇپ،ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا تاشلىشىڭىزغا بېرىلگەن بىرقانچە مەسلىھەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىگە قانداق زېيىنى بار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .