تاماكا تاشلىشىڭىزغا بېرىلگەن بىرقانچە مەسلىھەت


            1. ئۆزىڭىز تاماكا چىكىشنى توختىتىدىغان مەلۇم بىر كۈننى بىكىتىڭ ، ھەم شۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭ .


              2. تاماكا چىكىشنى توختاتقاندىن كىيىن باش قېيىش ، كۆز تورلىشىش ، تىت- تىت بولۇش ، كاناي ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ . بۇ خىل ئالامەتلەر ئۇزۇن ئۆتمەي يوقايدۇ ، شۇڭا غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .


              3. بارلىق كۇلدان ، تاماكا ، چاقماق- سەرەڭگىلەرنى تاشلىۋىتىڭ .


              4. چاينى كۆپ ئىچىڭ . خىزمەت ئۈستىلىڭىزنىڭ قولىڭىز يىتىدىغان يېرىدە بىر ئىستاكان چاي تۇرسۇن .


              5. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ .


              6. تاماكا تاشلاشتىن تىجىگەن پۇلغا ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان نەرسىلەرنى سېتىۋىلىڭ .


              7. سىز ئادەتتە تاماكا سېتىۋالدىغان دۇككاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ساقلىنىڭ .


              8. ھەرگىز خاپا بولغان ، ياكى خۇشال بولغان چاغلىرىڭىزدا بىر تال چىكىپ قويايچۇ ، دىگەن خىيالدا بولماڭ . بىر تال چەككەن ئىكەنسىز ، ئىككى تال چەككىڭىز كىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىز بىكارغا كىتىدۇ .


              9. تاماكا تاشلىغاندىن كىيىن يىمەك- ئىچمىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، ئىشتىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىڭ .


              10. تاماكا تاشلىغاندىن كىيىنكى سالامەتلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . بىر كۈن تاشلىسىڭىزمۇ ئۇ سىز ، ئائىلىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش . 


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى تاماكا چېكىدىغانلار سۈتنى كۆپرەك ئىچىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .