ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ, ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯩﮕﯜﺯﯛﭖ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ

 ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯖﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ, ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯖﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﻛﺎﻟﺘﺴﯩﻲ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺷﺎﻻﯕﻠﯩﺸﯩﺶ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ؟

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯖﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﺎﺭ؟

1. ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ.

2. ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ %94 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.

3. ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻼﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ.

4. ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.

5. ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﯩﺪﻩ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﻛﺎﻻ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. (ﺋﺎﻧﯩﻘﯩﺰ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺳﯧﻐﯩﺰ ﭼﺎﻳﻨﺎﺵ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﻗﻪﮬﯟﻩ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .