ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ, ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻤﺎ, ﭼﺎﻳﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ

ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟

ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ, ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﻟﻤﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﯩﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ, ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﻱ

ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟

1. ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ ﺟﯘﺧﺎﺭ ﮔﯜﻟﻰ ﭼﯧﻴﻰ. ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﭖ, ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ, ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻘﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: 10 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ, 10 ﮔﺮﺍﻡ ﺟﯘﺧﺎﺭ ﮔﯜﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ, ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﻗﯘﻳﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ, ﺋﯜﭺ-ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻝ ﭼﯩﻼﻥ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

2. ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺘﯘﺱ (ﮔﯘﻳﺨﯘﺍ) ﭼﯧﻴﻰ. ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ, ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺘﯘﺱ  ﮔﯜﻟﻰ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ  ﻳﻪﻝ ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﺪﯗ, ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ, ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ, ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ, ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ, ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﭖ, ﺯﻩﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ, ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. 7-10 ﺗﺎﻝ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺘﯘﺱ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﺮﺍﻡ ﭘﻪﻣﯩﻞ ﭼﺎﻳﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ, ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﭽﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﻮﻗﻼﺭ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ, ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ 14 ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﺴﻪ, ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ, ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ, ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺳﯘﺳﺮﺍﻕ ﺩﻩﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﯚﺭﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ.

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﺎﻱ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ.

1. ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ, ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﺘﺎﻧﺎﻟﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ. ﭼﺎﻱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ  ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ, ﺋﯧﺘﺎﻧﺎﻝ ﺗﯧﺨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ, ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

2. ﺋﺎﭺ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ,  ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ, ﭼﺎﻱ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻛﻮﻓﻔﯧﺌﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ, ﺭﻭﮬﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ, ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ, ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. (ﻳﺎﺳﯩﻨﺠﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺳﯧﻐﯩﺰ ﭼﺎﻳﻨﺎﺵ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .