ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻣﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ

ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﻳﺪﯗ, ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﺎﻣﺴﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﻳﺪﯗ.

ﻣﯘﭼﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﺍﻛﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻧﯩﺘﺮﻭﺯﻭ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺘﺮﺍﺗﻼﺭ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺷﯚﻟﮕﻪﻳﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺘﺮﻭﺯﻭ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻧﯩﺘﺮﻭﺯﻭ ﺋﺎﻣﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﺍﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ. ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﻧﺘﺮﻭﺯﻭ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ, ﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻣﺴﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ, ﺗﻪﻣﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ. ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ, ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ. ﺳﺎﻣﺴﺎﻗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ, ﺑﻪﻟﻐﻪﻣﻨﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ ﻳﯚﺗﻪﻟﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ, ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ, ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ, ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺷﯘﯕﺎ «ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯘﭼﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ, ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ, ﻗﯩﺰﯨﻠﺌﯚﯕﮕﻪﭺ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ, ﻗﯩﺰﯨﻠﺌﯚﯕﮕﻪﭺ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. (ﺋﺎﻳﺰﯙﮬﺮﻩ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قارا رەڭلىك مېۋە – چېۋە يېگەندە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﻱ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .