يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارى بويىچە ئەڭ

يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق مىقدارى بويىچە ئەڭ ..


 ◆ توخۇ گۆشىدە ھايۋانات ئاقسىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام توخۇ گۆشى تەركىبىدە 23.3 گىرام ئاقسىل بولىدۇ.

 ◆ دادۇر تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 100 گىرام دادۇر تەركىبىدە 36.3 گىرام ئاقسىل بولىدۇ.

 ◆ قىزىلچىنىڭ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام قىزىلچا تەركىبىدە 33 گىرام شېكەر بار.

 ◆ قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكتا كالتسىي ماددىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام راك تەركىبىدە ئىككى گىرام كالتسىي بار.

 ◆ قۇرۇتۇلغان كاۋا ئۇرۇقىدا فوسفور ماددىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام كاۋا ئۇرۇقى تەركىبىدە 67 مىللىگىرام فوسفور بار.

 ◆ كۈدە تەركىبىدە كاروتىن ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام كۈدە تەركىبىدە 5.47 مىللىگىرام كاروتىن بار.

 ◆ يەر ياڭىقى مېغىزىدا ۋىتامىن B2 ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام يەر ياڭىقى مېغىزى تەركىبىدە 1.07 مىللىگىرام B2 بار.

 ◆ قوينىڭ جىگىرىدە ۋىتامىن B ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام جىگەر تەركىبىدە 3.67 مىللىگىرام ۋىتامىن B بار.

 ◆ يېڭى چىلاندا ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام چىلان تەركىبىدە 500 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار.

 ◆ پۇرچاق يېغى ۋە يەر ياڭىقى يېغىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام پۇرچاق يېغى ياكى يەر ياڭىقى يېغى تەركىبىدە 900 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق بار.

 ◆ سەدەپ قۇلۇلىسىدە سىنك ماددىسى كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام سەدەپ قۇلۇلىسى تەركىبىدە 174.5 مىللىگىرام سىنك بار.

 ◆ دېڭىز يۈسۈنى (خەيدەي)نىڭ تەركىبىدە يود ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرام دېڭىز يۈسۈنى تەركىبىدە 3.2 گىرام يود بار.

بۇپاتىمەگۈل سەمەت تەييارلىغان
شىنجاڭ گېزىتى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئورگانىزملار ئامراق يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇخۇمنىڭ سېرىقى قانچە سېرىق بولسا شۇنچە قۇۋۋەتلىكمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .