تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە بەزى يېمەكلىكلەر يۇقۇملۇق زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

سامساق: سامساقنىڭ تەركىبىدىكى سامساق پىگمېنتى زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. شۇڭا سوغۇق كۆك قىلغاندا سامساقنى ئۇششاق چاناپ مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرسا، يېيىشلىك بولغاندىن باشقا ساغلاملىققىمۇ ياردىمى بولىدىكەن.
دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى: سۇلۇ، بۇغداي ئۇنى بولكىسى قاتارلىق دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدىكى سىنك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن.

بانان: باناننىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن 6B بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. باناننى سۇلۇ يارمىسى قاتارلىق دانلىق زىرائەت بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلسا، زۇكام ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

مۇچ: مۇچ تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددا مۇچ پىگمېنتىنىڭ بۇرۇن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش رولى بولۇپ، زۇكامدىن بولغان بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىشنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇچنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردىكى ۋىتامىن C بولۇپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

تاتلىق بەرەڭگى: تاتلىق بەرەڭگى تەركىبىدە كاروتىن ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بولىدىكەن. تاتلىق بەرەڭگىنى يېيىش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، ھوردا پىشۇرۇپ يېيىشكە، ئوتقا قاقلاپ يېيىشكە ياكى تاتلىق بەرەڭگى قىيامى قىلىپ يېيىشكە بولىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەنجىۋىل قېرىلىق دېغى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئورگانىزملار ئامراق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .