ئاپېلسىن پوستىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە شىپالىق روللىرىنى بىلەمسىز؟

ئاپېلسىن پوستىنىڭ شىپالىق رولى

1. ئاپېلسىن پوستىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن C ۋە ئېفىرلىق ماي بولۇپ، ئاپېلسىن پوستىنى پاكىز يۇيۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن، چاي يوپۇرمىقى بىلەن بىللە دەملەپ ئىچىشكە ياكى ئايرىم دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، ئاپېلسىن پوستى خۇش پۇراق بولۇپ روھنى ئۇرغۇتىدۇ.

2. ئاپېلسىن پوستى بەلغەمنى بوشىتىش، ئاشقازاننى ياخشىلاش، نەملىكنى يوقىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپ، ناھايىتى ياخشى جۇڭيى دورىسى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

3. ئاپېلسىن پوستى باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش كېسىلىنىڭ (ماشىنا ياكى پويىزغا ئولتۇرغاندا) ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ماشىنىغا چىقىشتىن بىر سائەت بۇرۇن، يېڭى ئاپېلسىن پوستىنى بۇرۇنغا توغرىلاپ سىقىپ، ئاپېلسىن پوستىدىن چىققان پۇراقنى پۇرىغاندا ھەم ماشىنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغاندا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4. ئاپېلسىن پوستى ئارقىلىق ئۈششۈكنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئاپېلسىن پوستىنى ئوتقا قاقلاپ كۆيدۈرگەندىن كېيىن تالقان قىلىپ ئۆسۈملۈك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈششۈگەن ئورۇنغا سۈرۈپ بەرگەندە ئۈششۈگەن ئورۇننى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

5. ئاپېلسىن پوستى ئارقىلىق ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن 10مىنۇت بۇرۇن بىر پارچە ئاپېلسىن پوستىنى شۈمۈپ بەرسە ھەمدە بۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋالاشتۇرسا ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

6. ئاپېلسىن پوستى بېلىق، قىسقۇچپاقا زەھىرىنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاپېلسىن پوستىنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلغاندا، بېلىق، قىسقۇچپاقا يېگەندىن كېيىنكى زەھەرنى قايتۇرىدۇ.

7. ئاپېلسىن پوستىنىڭ سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالاش رولى بار. يېڭى ئاپېلسىن پوستى بىلەن يېڭى زەنجىۋىلگە قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرگەندە، سوغۇقتىن بولغان زۇكام، قۇسۇش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپېلسىن پوستى ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان قۇسۇشنى داۋالايدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا گىلاس شەربىتى يۈرەككە دورا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەنجىۋىل قېرىلىق دېغى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .