تۆۋەندىكى تاماقتىن كېيىنكى ياخشى ئادەتلەر ساغلاملىقىڭىزغا تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ


 * ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن بىر تال بانان يېيىش : ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر راك پەيدا قىلىدىغان ماددا ھاسىل قىلىدۇ. بانان بەلگىلىك دەرىجىدە بۇ ماددىنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ .

   * ياغلىق غىزالانغاندىن كېيىن بىر ئىستاكان كەرەپشە شەربىتى ئىچىش : كەرەپشە تەركىبىدىكى سېللولوزا بىر قىسىم ياغنى سۈمۈرۈۋالىدۇ .

   * ساماۋەر شورپىسى ئىچكەندىن كېيىن قېتىق ئىچىش: بۇنىڭدا ئاشقازان ، ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى ئۈنۈملۈك مۇھاپىزەت قىلغىلى بولىدۇ .

   * ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىسا ، تاماقتىن كېيىن ئارپا چېيى ياكى ئاپېلسىن پوستى چېيى ئىچىش : ئارپا تەركىبىدىكى ئاللانتوئىن ۋە ئاپېلسىن پوستى تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماي ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۇپ ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاچچىق يېمەكلىك بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .