ئاچچىق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغان كىشىنىڭ بەدىنى شۇ ھامان قىزىپ راھەتلەنگەندەك بولىدۇ ئاچچىق تەر بېزىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ تەر چىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، ماددا ئالمىشىشنى، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ لېكىن ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لايىقىدا بولمىسا بولمايدۇ

ئاچچىق يېمەكلىك زىيادە بولۇپ كەتسە، قەۋزىيەت، زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئاچچىق بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

    مۇچ جۇڭگو تېبابىتىدە ‹‹ ئاچچىق يېمەكلىك ›› دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، بەدەننىڭ ماغدۇرىنى ئاسان خورىتىۋېتىدۇ. ماغدۇرسىز كىشى ئاچچىق يېمەكلىكنى كۆپ يېسە بولمايدۇ، كۆپ يېسە بەدەن ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆپ تەرلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مۇچنىڭ تارقىتىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، بەدىنى ئاجىز كىشىلەر مۇچنى كۆپ يېسە كۆپ تەرلەپ، بەدىنى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئىچ مىجەزى ئىسسىق كىشىلەر ئاچچىق يېمەكلىكنى كۆپ يېسە ئېغىزى قۇرۇش، گېلى ئىشىش، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاچچىق يېمەكلىكلەر نەم رايوندىكىلەرگە ماس كەلگىنى بىلەن قۇرغاق رايونلاردىكىلەرگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ.

    يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئاچچىق تاماقنى، ياخشىسى، چۈشتە يېيىش كېرەك ئىكەن. چۈشتە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ئاچچىق تاماقنى ھەزىم قىلىپ كېتەلەيدىكەن، كەچتە يېسە ئاسانلا ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدىكەن. ئاچچىق يېمەكلىكنى قىشتا يېگەندە ئاچچىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، سوغۇققا چىداملىقنى كۈچەيتىدىكەن. كۈزدە ئاچچىق يېمەكلىك يېيىش مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئاچچىققا ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاچچىق يېمەكلىك بەدەننى سەل قىزىتىپ ئازراق تەرلەتسە مۇۋاپىق بولغان بولىدىكەن، ئاچچىق قورۇمىنى كۈندە ئازراق يەپ بەرسە بەدەنگە پايدىلىق بولىدىكەن، بەدىنى ئاجىزلار ھەپتىدە بىر قېتىم يەپ بەرسە بولىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزاق مەزگىل بىر خىل ياغنى ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماقتىن كېيىنكى ياخشى ئادەتلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .