تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن

   1. ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا قوبۇل قىلىش لازىم . ئۇ بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنى ئەركىن رادىكاللارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلاپ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .

   2 . يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇش لازىم . تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ، ھەركۈنى سۈمۈرۈلگەن ئوزۇقلۇق تالالىرىنىڭ مىقدارى ھەر 10 گرام ئاشسا ، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %17 تۆۋەنلەيدىكەن .

   3. يېمەكلىكنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك . ئەڭ مۇھىمى ‹‹يۇمشاق چايناپ ، ئالدىرىماي يۇتۇش›› ھەمدە تويغان ۋاقىتتا كەمەرنى بوشىتىۋەتمەسلىك لازىم .

   4. يېتەرلىك مىقداردىكى ساغلاملىق ياغلىرىنى سۈمۈرۈش لازىم . تەتقىقاتتىن كۆرسىتىلىشچە ، بۇ تۈردىكى ياغلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى كۆپ بولغانچە ئوتتۇرىچە ئۆمۈر بارغانسېرى ئۇزىرايدىكەن .

   5. ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىش لازىم .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا باش ئاغرىقى ، يېمەكلىك ۋە ئادەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزاق مەزگىل بىر خىل ياغنى ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .