مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئىنسانلاردىكى كېسەلنىڭ %80ى سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ئەخلەت، بۇلغانغان سۇ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەلىك يېقىلغۇ قاتارلىق كېرەكسىز ماددىلاردا زەھەرلىك تەركىبلەر بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا يەر ئاستى، يەر ئۈستى سۈيى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق زەنجىرى سىستېمىسىغا كىرىدۇ

بۇلغانغان ھايۋان گۆشى، ئۆسۈملۈك، يېمەكلىك، سۇ ئىستېمال قىلىنسا، ئادەمنى راك كېسىلى ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. نوپۇزلۇق تېببىي ئالىملار بۇ يوقىتىش تەس بولغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە ئۈزلۈكسىز توپلىنىشى تەن ھۈجەيرىسىنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىشى ۋە راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ ماددىلار قان تومۇر دىۋارىغا چاپلىشىۋېلىپ، ئوكسىگېن ۋە كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ نورمال ئالمىشىشىنى، ھۈجەيرىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ماددىلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن. ئىنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن قېرىيدۇ؟ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېخانىزم نېمە؟ ھازىرقى ئىلىم – پەن ساھەسىدىمۇ بۇ سوئالغا ئۆلچەملىك جاۋاب تېپىلمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ ئۈچەي زەھەرلىنىش تەلىماتى، ھۈجەيرە توساتتىن ئۆزگىرىش تەلىماتى، گېن كونترول قىلىش تەلىماتى، ئەركىن ئاساس تەلىماتى ۋە ئۈچ دانچە ئېنزىم تەلىماتى قاتارلىق نەچچە ئون تەلىمات ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندا بەزى مۇتەخەسسىسلەر ‹‹سۇنىڭ چېكىنىش تەلىماتى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۇ بىلەن ئىنسانلار ئۆمرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى مەلۇم جەھەتتىن ئېچىپ بېرىپ، كىشىلەردە سۇغا بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىنى ھاسىل قىلدى.

   سۇنىڭ چېكىنىشى، يەنى سۇنىڭ فىزىئولوگىيەلىك رولىنىڭ ئاجىزلىشىشى بولۇپ، بۇلغىمىلار تەسىرىدە ئەسلىدە ئىچكىلى بولىدىغان سۇنىڭ مولىكۇلا قۇرۇلمىسى ۋە رولىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، سۇنىڭ تەرتىپلىك ھالەتتىن تەرتىپسىز ھالەتكە ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى، ئاخىرىدا بۇنىڭ سۇنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

   چېكىنگەن سۇنىڭ ئادەمنى قېرىتىش مېخانىزمى: سۇ بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىتابولىزىم (ماددا ئالماشتۇرۇش)ىغا قاتنىشىپلا قالماي، يەنە ئىرسىيەت ماددىلىرىنىڭ قايتا بىرلىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. سۇ ماددا مىتابولىزىمىنىڭ توشۇغۇچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ھاياتلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزگۈچىدۇر. چېكىنگەن سۇنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا، ئادەم تېنىدىكى ئۈنۈملۈك چىقىرىلمايلا قالماستىن، داۋاملىق يىغىلىپ، تەننىڭ قېرىشىنى ۋە كېسەلكە گىرىپتار بولۇشىنى تېزلىتىدۇ.

   تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار سۇ مەنبەسى، سۇ سۈپىتى ۋە سۇنىڭ ئاكتىپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئادەت، ئىستېمال ئەھۋالىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بولىدىكەن، ئەمما بىر ئورتاقلىقى: سۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىكەن، ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئېسىل سۇ ئىستېمال قىلىپ، ئۆزگەرگەن سۇنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىدىكەن.

   سۇدا شۇنچە كۆپ مەسىلە تۇرۇقلۇق ھەم سۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىدا شۇنچە مۇھىم تۇرۇقلۇق بىز نېمە ئۈچۈن مىنېرال سۇ ياكى ساپ سۇ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلمايمىز؟ مەسىلە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.

   مىنېرال ماددىلار بولغان سۇنىڭ توغرا ئاتىلىشى ‹‹مىنېرال ماددىلىق ئىچىملىك سۇ›› بولۇپ، ئۇ ساپ سۇغا ئاز مىقداردا مىنېرال ماددا قوشۇش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق سۇنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە، ئادەتتە، بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان سۇنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلارنىڭ بولمىغانلىقى، ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا ئادەم تېنىگە زىيانلىق، دېگەن قاراش سەۋەب بولغان. مىنېرال سۇغا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى پەقەت كارخانا ئۆزى بېكىتىدۇ، شۇڭا بىزدە ئوخشىمىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مىنېرال سۇ، مىنېرال ئېلېمېنتلارنىڭ تۈرلىرى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن مىنېرال سۇ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.

   ساپ سۇ ساپلاشتۇرۇلۇش جەريانىدا تەركىبىدىكى زىيانلىق، زەھەرلىك ماددىلارنى سۈزۈپ تاشلاش بىلەن بىللە، ئادەم تېنىگە پايدىلىق مىنېرال ماددىلارمۇ سۈزۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، ئادەم تېنىدىكى كىسلاتا – ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، نېرۋىنى ئاجىزلىتىدۇ. مۇسكۇل ۋە كۆپ خىل ئىنزىملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، ئادەم تېنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

   شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: ئۆزى تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ سۇ مەنبەسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتسىلا، ئەڭ ياخشىسى، يەنىلا تۇرۇبا سۈيىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئەمما تۆۋەندىكى تۆت خىل نۇقتىنى چوقۇم ئەستە ساقلاش لازىم:

   بىرىنچى، ئەڭ ياخشىسى، تۆمۈر چەينەك ئىشلىتىش كېرەك. چەينەكتىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپ، ھورىنى چىقىرىپ بىر – ئىككى مىنۇت قاينىتىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق تۇرۇبا سۈيى تەركىبىدىكى خلور ۋە قالدۇق ئورگانىك ماددىلار چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. خلور ۋە قالدۇق ئورگانىك ماددىلار دوۋساق راكى، توغرا ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئىككىنچى، يېڭى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك. يېڭى قايناقسۇدا مىكروب يوق بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق ئون نەچچە خىل مىنېرال ماددا بار. تۇرۇپ قالغان سۇ ياكى قايتىلاپ قاينىتىلغان سۇ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار يوقالغاندىن سىرت، نىترىتوئىد قاتارلىق باشقا زىيانلىق ماددىلار بولىدۇ.

   ئۈچىنچى، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ياز پەسلىدە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بەرگەندە، ئىسسىقنى تارقىتىدۇ ھەم ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

   تۆتىنچى، قەرەللىك سۇ ئىچىپ تۇرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

   ھازىر سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى ئاكتىپ كاربون بولۇپ، زىيانلىق ماددىلارغا نىسبەتەن سۈمۈرۈش ۋە تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما تويۇنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رولىمۇ يوقايدۇ. ئاكتىپ كاربون ۋە مىكرو تۆشۈكلۈك سۈزۈش پەردىسى قاتارلىقلارنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ۋاقتى توشقاندا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، سۈزۈش پەردىسىنى دائىم پاكىز تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

مۇنىرە توختى تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماقتىن كېيىن ئىچكەن دولانا چېيى... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى باش ئاغرىقى ، يېمەكلىك ۋە ئادەت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .