ھەسەلنى ھەقىقىي تونامسىز؟ بۇ سەككىز خىل ھەسەل ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ سەككىز خىل ھەسەل ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، كېلەر قېتىم بۇ سەككىز خىل ھەسەلنى كۆرۈپ قالسىڭىز ھەرگىز سېتىۋالماڭ.

چۇقا گۈل ھەسىلى

چۇقا گۈلدىن تەبىئىي ھالەتتە ھەسەل يىغقىلى بولمايدۇ. بازاردىكى چۇقا گۈل ھەسىلىسى راست ياكى يالغان ھەسەلگە چۇقا جەۋھىرى قوشۇلىدۇ.

قار لەيلىسى ھەسىلى

قار لەيلىسىنىڭ ياشاش مۇھىتى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئېگىز قارلىقتا بولۇپ، كىلماتى ئۆزگىرىشچان، ئىسسىق-سوغۇق ھاۋارايى مۇقىم ئەمەس، قار-يامغۇر ئارىلىشىپ كەتكەن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ياشىمىقى تەس.

كۈمۈش ئۆرۈك ھەسىلى

كۈمۈش ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئەسلىدىنلا ھەسىلى يوق، بازاردىكى كۈمۈش ئۆرۈك ھەسىلى راست ياكى يالغان ھەسەلگە كۈمۈش ئۆرۈك جەۋھىرىنى قوشۇۋېتىدۇ.

ئۈزۈم ھەسىلى

ئۈزۈمنىڭ پەقەت گۈل چېڭى بار، شىرنىسى يوق.

قارىغاي چېچىكى ھەسىلى

قارىغان 5-ئايدا چېچەكلەيدۇ، 5-ئايدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە گۈل ئېچىلىپ كېتىدۇ، ھەسەل ھەرىسى ئاساسىي جەھەتتىن قارىغاي چېچىكىدىن شىرنە يىغمايدۇ.

شاپتۇل چېچىكى ھەسىلى

شاپتۇل يېڭى چېچەكلىگەندە تېمپراتۇرا ھەسەل ھەرىسىگە نىسبەتەن سوغۇق، شىرنە يىغىشى تەس، يەنە كېلىپ، شاپتۇك چېچىكىنىڭ پەقەت گۈل چېڭى بار شىرنىسى يوق. شۇڭا، بازاردىكى شاپتۇل چېچىكى ھەسىلى راست ياكى يالغان ھەسەلگە شاپتۇل چېچىكى جەۋھىرىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان.

ئەتىرگۈل ھەسىلى

ئۆسۈملۈك گۈللىرى ئېچىلغاندا، گۈل بەرگىدىكى شىرنە بېزى ئاندىن شىرنە ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ، لېكىن ئەتىرگۈلنىڭ ئاتىلىقى ۋە ئانىلىقى يوق، شىرنە بېزى يوق. شىرنە بېزى بولمىسا ھەسەل چىقمايدۇ.

ئۇچقات ھەسىلى

ئۇچقاتنىڭ  گۈلتاجى ئۇزۇن ھەمدە ئىنچىكە، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئېغىزى ناھايىتى قىسقا، ھەسەل يىغمىقى ناھايىتى تەس. بازاردىكى ئاتالمىش ئۇچقات ھەسىلى ئۇچقات غۇنچىسىنى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ھەسەلگە چىلاش ئارقىلىق ياسالغان، گەرچە گۈلنىڭ جەۋھىرى بولسىمۇ، ئەمما ھەسەل ھەرىسى بىۋاسىتە يىغقان ھەسەل بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۇقۇم. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىنىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قەھۋە ئىچىش مەزى بېزى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .