ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىنىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر

شوۋىگۈرۈچ ماغدۇر تولۇقلايدۇ:

شوۋىگۈرۈچ قايناش جەريانىدا كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ ، بۇ ماددىلارنى ئادەم بەدىنى ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدىكەن. سۇڭپىياز ئېقى شوۋىگۈرۈچى باكتېرىيەنى ئۆلتۈرىدىكەن، قورساق ئاغرىقىنى توختىتىدىكەن. ئىشتىھاسى يوق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى قىزىق ھەم كۆكتات قوشۇلغان تۇزلۇق شوۋىگۈرۈچ ئىچىپ بېرىشى كېرەككەن .

سامساق ئانتىبيوتىك دورىلاردىن قېلىشمايدۇ:

سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىندا مىكروب يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، كۈندە بىر چىش سامساق يەپ بەرسە، خولېسترولنى تۆۋەنلىتىدىكەن. 

 يېسىۋېلەك سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىدۇ:

  يېسىۋېلەكنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، شۇنداقلا سۈت بېزى راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلايدىكەن. ساماۋەر شورپىسى ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى يېسىۋىلەك قوشۇش كېرەككەن. يېسىۋېلەك سوغۇق تەبىئەتلىك كۆكتات بولۇپ، ساماۋەر شورپىسىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق تەبىئىيتىنى تەڭشەيدىكەن . 

  قاتكۆك كۆزنى ئاسرايدۇ:

 ھامىلدارلىق مەزگىلىدە توختىماي قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، قاتكۆكتىن تەييارلانغان تۇزلۇق قورۇمىنى يەپ بەرسە، بىنورماللىقنى ئازايتىدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى پايدىسى يەنىلا كۆزنى ئاسراشتا ئىكەن .

قارىغاي ئۇرۇقى يۈرەكنى ئاسرايدۇ:

قارىغاي ئۇرۇقىنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، تېرىنى سىلىقلاش رولى بار ئىكەن. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يۈرەكنى ئاسرايدىكەن .

ئاچچىقسۇ قوشۇلغان لامنارىيە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:

لامنارىيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى ئېرىشچان تالا بار بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ھەم ئۇنىڭدىكى يېلىم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدىكەن . لامنارىيەگە ئاچچىقسۇ قوشۇلسا يۇمشايدىكەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدىكەن .

قارا بۇغداي قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ:

قارا بۇغداي تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ۋە ۋىتامىن p قان بېسىمنى ۋە قاندىكى ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يۈرەكنى ئاسرايدىكەن ھەم ئۇيقۇنى ياخشىلايدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۇلۇ يارمىسىنىڭ پايدىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھەسەلنى ھەقىقىي تونامسىز؟ بۇ سەككىز خىل ھەسەل ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .