ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئادەتتە ئاپېلسىن يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ دىئابېت كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدىكەن

ياپونىيە دېھقانچىلىق يېمەكلىكلىرى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى بۇ تۈر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تەتقىقاتچىلار ياپونىيىنىڭ داڭلىق ئاپېلسىن ماكانى خاماماتسو شەھىرىنىڭ 1000 دىن كۆپرەك ئاھالىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كرىپتوكسانتىن قان قويۇقلۇقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىستاتىستىكىلىق ئانالىز قىلغان.

 تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ھەر كۈنى ئۈچ، تۆت تال ئاپېلسىن يەپ بېرىدىغانلارنىڭ دىئابېت كېسىلى بولۇش خەتىرى ئادەتتە پەقەت ئاپېلسىن يېمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا %57 تۆۋەن بولغان ھەمدە جىگەر ئىقتىدارى ۋە ياغ مېتابولىزمىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش خەۋپ-خەتىرىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. كرىپتوكسانتىننىڭ جىگەر ياللۇغلىنىشنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش ۋە ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىمۇ بارلىقى مېدىتسىنادا ئىسپاتلاپ چىقىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يەر ياڭىقى زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سۈتنى پىشۇرغاندا بەك قاينىتىۋەتمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .