ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىلىرى بۇرۇن كەچلىك تاماقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، كەچلىك تاماقتا قوساقنى تۆتتىن ئۈچ قىسىمىچىلىك تويغۇزساڭ دوختۇرخانىنى بېيىتىسەن، تۆتتىن بىرىچىلىك تويغۇزساڭ بەدىنىڭنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىنى ساقلايدۇ، دېگەن ئىدى

جۇڭگو ئىقتىساد تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۇنداقتا كەچلىك تاماقنى قانداق يېگەندە ئاندىن ساغلام ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئىككىنچى ئەتىگەن تۇرغاندا ئاچلىق تۇيغۇسى بولماسلىقىنى ئۆلچەم قىلىمىز.

ھەرگىزمۇ كەچلىك تاماقنى خالىغانچە يېسەم ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ قالماڭ، ناھايىتى كۆپ كېسەللەر ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ!

كەچلىك تاماقنى يېيىش ئادىتى ساغلام بولمىسا، كېسەل سىزنى ئۆزى ئىزدەك كېلىدۇ.

سېمىزلىك

سىز سېمىزمۇ؟ سېمىز بولسىڭىز نېمىشقا كەچتە يەنە شۇنچە كۆپ يەيسىز؟ ناھايىتى كۆپ سېمىزلار كەچتە جىق يەيدۇ، يەپ بولۇپلا كرېسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن، ئېنېرگىيە يۇقىرى، سەرپ قىلىش ئاز بولۇپ، بەدەن سېمىزلاشقا باشلايدۇ.

دىيابېت

كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېسە، ئىنسۇلىننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ تاشلايدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئۇزۇن مەزگىل غىدىقلانسا، دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە زىيادە سېمىزلىكمۇ دىيابېتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچەي راكى

كەچلىك تاماقنى تويۇپ يېسەك راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئاقسىل قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەممىسى ھەزىم بولۇپ بولالمايدۇ. ئۈچەي-ئاشقازان باكتېرىيەنىڭ تەسىرىدە زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىدۇ. ئۇخلىغان چاغدا، ئۈچەي دىۋارىنىڭ لۆمۈلدىشى ئاستا ھەم زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەندە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئۈچەي راكى بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش

كالتسىينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى كەچلىك تاماقتىن كېيىن 4-5 سائەت ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېسەم، كالتسىي چىقىرىشقا باشلىغاندا ئۇخلاشقا كىرىشىسىز. بۇ چاغدا سۈيدۈك سۇيۇقلۇقى سۈيدۈك يولىدا تۇرۇپ قېلىپ، دەرھال بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، سۈيدۈكدىكى كالتسىينىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئاسانلا چۆكمە چۈشۈپ كىرىستال شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئاسانلا تاش چۈشۈش كۆرۈلىدۇ.

قاندا ماي يۇقىرى بولۇش

كەچلىك تاماق ئەگەر زىيادە مول، ياغلىق، تۇزلۇق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولسا، جىگەرنى غىدىقلاپ، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى پەيدا قىلىپ، قاندا ماي يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم

كەچتە گۆشنى كۆپ يېگەندە، ئۇخلىغاندا قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، قاندىكى ماي قان تومۇر دىۋارىغا چۆكمە بولۇپ، كىچىك قان تومۇر ۋە قىل قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەتراپىدىكى قان تومۇرلارنىڭ توسقۇنلۇق كۈچىنى يۇقۇرىلىۋېتىدۇ، قان بېسىمنى ئاسانلا يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ ھەم قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى تېزلىتىدۇ.

جىگەرنى ماي قاپلاش

كەچلىك تاماقنى ياخشى يېسە، قان قەنتى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ياغنىڭ بىرىكىشىنى تېزلىتىپلا قالماستىن، يەنە ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئازلىشى قوشۇلۇپ، ناھايىتى ئاسانلا جىگەردە ياغ ھاسىل قىلىدۇ.

جىددىي ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

كەچلىك تاماق قانچە كۆپ، قانچە مول بولسا، يەنە پىۋا ئىچسە، ئاسانلا جىدىي ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى قوزغاپ قويىدۇ، ئەگەر ئېغى بىمار بولسا ئۇخلاۋاتقاندىلا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئىنتايىن خەتەرلىك.

قېرىلار دېۋەڭلىك كېسىلى

كەچلىك تاماقنى تويۇپ يېگەندە، ئۇخلىغاندا ئۈچەي، ئاشقازان قاتارلىق ھەرقايسى ئەزالار يەنىلا خىزمەت قىلىپ يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىدىغان بولغاچقا، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال مېتابولىزىمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ قېرىلىشىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر قېرىغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولماي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ياش ۋاقتىڭىزدا دىققەت قىلىپ، كەچلىك تاماققا چەك قويۇڭ.

كەچلىك تاماق بىلەن ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى

كەچتە كۆپ يېگەنلىكتىن، ئۇخلىغاندا ئۈچەي، ئاشقازان، جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئەزالار يەنىلا خىزمەت قىلىپ، چوڭ مېڭىنى روھلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل شۇنداق بولسا نېرۋا ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كەچلىك تاماقنى قانداق يېگەندە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؟

بىرىنچى، كەچلىك تاماقنى نورمىلىق يېيىش، بەك تويۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى، كەچ سائەت يەتتىدىن بۇرۇن يەپ بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، كەچلىك تاماققا كۆكتاتنى كۆپ، گۆشنى ئاز يېيىش كېرەك.

تۆتىنچى، كەچتە مايلىق، تۇزلۇق، ئاشقازاننى ئاسان كۆپتۈرۈۋېتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئورگانىك، يېشىل ۋە زىيانسىز يېمەكلىكنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈندە ئىككى سەر مېۋە يەپ بەرسە... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .