كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قوللىنىدىغان ئورگانىك، يېشىل ۋە زىيانسىز دېگەندەك ئۇقۇملار ئادەتتە يېمەكلىكلەرنىڭ ئورالما قېپىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، ئورگانىك يېمەكلىك، يېشىل يېمەكلىك، زىيانسىز يېمەكلىك قاتارلىق ئۇقۇملار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ، لېكىن بىخەتەرلىك دەرىجىسى جەھەتتە بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدۇ

بۇلارنىڭ كونكرېت پەرقى زادى قانداق؟ كۆپ ھاللاردا بۇلارنىڭ پەرقىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن جىددىيلەشمەي تۇرۇڭ، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى  پەرقنى سۆزلەپ بەرمەكچى.


زىيانسىز

  زىيانسىز يېمەكلىك دېگىنىمىز، ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ مۇھىتى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى ۋە تەلەپ-قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇپ، باھالاش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە زىيانسىز يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى بەلگىسىنى ئىشلىتىش رۇخسەت قىلىنغان، پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ياكى دەسلەپكى پىششىقلاشتىن ئۆتكەن يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

   

     ئاساسلىقى يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك مەركىزى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا-ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئاساسىي بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە خىمىيەلىك ئوغۇتلانى دۆلەت  يولغا قويغان چەكتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
  زىيانسىز يېمەكلىك گۇۋاھنامە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

         

يېشىل

    يېشىل يېمەكلىك ‐‐ سىجىل تەرەققىيات پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئالاھىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، مەخسۇس باھالاش ئورگانلىرىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن، يېشىل يېمەكلىك بەلگىسىنى ئىشلىتىش رۇخسەت قىلىنغان، بۇلغانمىغان، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكتۇر. ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇنقى، ئىشلەپچىقىرىش ئارىلىقدا، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى پۈتۈن جەرياندا تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە مۇھىت، مەھسۇلات بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىنىدۇ. خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلىتىش قاتتىق چەكلەنگەن، يېمەكلىك ۋە مۇھىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا، بازارنى قېلىپلاشتۇرۇش تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولغان مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.

 

     يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنى 1990-يىلى يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىدارىسى يولغا قويغان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ، مەملىكەت بويىچە 30 نەچچە ئۆلكە، شەھەرگە تارقالغان. مەقسەت بولسا بۇلغانمىغان، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك، ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر-يېزا خەلقنىڭ تەن-سالامەتلىكىنى، پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆلچىمى بولسا، زىيانسىز يېمەكلىك ئۆلچىمى بىلەن ئورگانىك يېمەكلىك ئۆلچىمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل يېمەكلىك ئۆلچىمى. 
    يېشىل يېمەكلىك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.   
   نېمىشقا ئورالما ئۈستىدىكى يېشىل يېمەكلىك بەلگىسىنىڭ بەزىلىرىنىڭ تەكتى يېشىل ئۈستىدىكى خەت ئاق، يەنە بەزىلىرىنىڭ تەكتى ئاق ئۈستىدىكى خەت يېشىل بولىدۇ؟ 
   بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: يېشىل يېمەكلىك A دەرىجىلىك ۋە AA دەرىجىلىك يېشىل يېمەكلىك دەپ ئىككى خىل تۈرىگە بۆلىنىدۇ. 
   AA دەرىجىلىك يېشىل يېمەكلىك بولسا كۆكتاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھېچقانداق زىيانلىق، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەلىك ئوغۇتلار ۋە گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
A دەرىجىلىك يېشىل يېمەكلىك كۆكتاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەلىك ئوغۇتلارنى دۆلەت يولغا قويغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ.

 

ئورگانىك
    ئورگانىك يېمەكلىك، ئورگانىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدىن كەلگەن، ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىغان، ھەمدە مۇستەقىل گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بەرگەن بارلىق يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن: ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، سۈت مەھسۇلاتلىرى، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتى، ھەسەل مەھسۇلاتلىرى ۋە دورا-دەرمەك قاتارلىقلار.

    ئورگانىك يېزا-ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بولسا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مۇئەييەن ئورگانىك يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ھالدا، گېن قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن بىئولوگىيەلىك ھەم قوشۇمچە مەھسۇلاتلار، خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيەلىك ئوغۇتلار، ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەڭشەش دورىسى، يەم-خەشەك خۇرۇچلىرى قاتارلىق ماددىلارنى ئىشلەتمەي، تەبىئىي قانۇنىيەت ۋە ئېكىئولوگىيەگە ئەمەل قىلىپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار يېزا-ئىگىلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق، سىجىل مۇقىملىقنى ساقلايدىغان يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ بىر خىل يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. 
    ئورگانىك يېمەكلىك ھازىرچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەر يېمەكلىك. ئورگانىك مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل.

 

    يۇقىرىقىدەك ئېتىلغاندەك، كۆپچىلىك بۇ ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى يېمەكلىككە قارىتا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، ئەمدى تۆۋەندە بىز ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى خۇلاسىلەپ باقايلى: 
1. ئورگانىك يېمەكلىكتە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئورگانىك يېمەكلىك ئورگانىك يېزا-ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەھسۇلاتى، ئەمما يېشىل يېمەكلىكتە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېشىل يېمەكلىك بولسا ئەڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىن كەلگەن مەھسۇلات بولۇپ، يېشىل يېمەكلىك ئورگانىك يېمەكلىكتىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ. 
   ئورگانىك يېزا-ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم مەقسىتى بولسا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھالقىسى دەپ قارىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتنى ئۆزگەرتىش، مۇھىتنى ئاسراش، مۇھىتنى تەڭپۇڭ، ھاياتىي كۈچكە تولغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، ئەمما يېشىل يېمەكلىك بولسا بۇلغانمىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى پايدىلىنىپ ئشلەپچىقىرشنى كۆرسىتىدۇ.

2. ئورگانىك يېمەكلىك بىلەن يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ. 
    ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مۇنۇلار تەكىتلىدۇ: ئېكىئولوگىيە قائىدىلىرى ئارقىلىق تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەل سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاشقى ماددىغا تايىنىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى كېرەك، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن يېزا-ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئەمما يېشىل يېمەكلىكنىڭ ئۆلچىمىدە بولسا، ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى زەھىرى تۆۋەن خىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ئىشلىتىش رۇخسەت قىلىنغان. گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلى ۋە گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلى ئارقىلىق گېنى ئۆزگەرتلىگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش قەتئىي يولغا قويۇلمايدۇ.

3. ئورگانىك يېمەكلىك ۋە يېشىل يېمەكلىكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.

    ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا باشقۇرۇش، ئۇنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى ياخشى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چوقۇم ياخشى نەتىجە يۈز بېرىدۇ؛ ئەمما يېشىل يېمەكلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىراق، ئورگانىك يېمەكلىكنى ئېتىراپ قىلىش ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى بېكىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلاتنى بىر تەرەپ قىلىش بولسا باشقا يېشىل يېمەكلىكنى بېكىتىش ئۇسۇلغا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى بېكىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىنىشكا تارقىتىش، باشقۇرۇش جەھەتتە ھەم پەرقلىق بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياغ مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە… تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كەچلىك تاماق بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ۋە ئۆمرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .