كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر يۈرەكنى قوغدايدىكەن

كورېيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 40 ياشتىن ھالقىغان 4589 ئەر بىلەن 5042 ئايالنى تاللاپ ئۇدا 13 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:«ئەگەر ياشانغانلار يېمەكلىكلەردىن يېمەكلىك تالاسى ۋە كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كۆپەيتسە، ئۇلارنىڭ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا مۇنداق دېيىشتى:«ياشانغانلار قوبۇل قىلغان كالتسىينىڭ مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇلارنىڭ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچە ئاجىز بولىدىكەن. بىز بىلىدىغان كالتسىي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن كالا سۈتى، لامنارىيە، راك قاسرىقى ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكتاتلارنىڭ ھەر قاندىقىدا كالتسىي بار، بولۇپمۇ چېچەككۆك، تۇرۇپ، پۇراقلىق گۈمبەمەدەك ۋە قارا قېرىنقۇلاقتا كالتسىينىڭ مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى».

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياغ مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە… توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .