ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

نۇرغۇن ئادەم ئۇيقۇسىزلىق دەردىنى تارتىدۇ، بىراق ئۇلار ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ، يېقىندا ئەنگىلىيەلىك ئوزۇقشۇناسلار كىشىلەرگە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قانچە خىل يېمەكلىكلەرنى تەۋسىيە قىلدى.

دانلىق زىرائەت:

بۇغداي قاتارلىق دانلىق زىرائەتلىرىدىن ئېتىلگەن يېمەكلىكلەردە يېمەكلىك تالاسى مول، بەدەننى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ ۋە بەدەنگە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ قاندىكى قەنتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، كەچتە بىر قاچا سۆك ئېشى ياكى بىر نەچچە پارچە قارا بۇغداي بولكىسى يەپ بەرسە، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ.

كاۋا ئۇرۇقى:

مېنېرال ماددا ماگنىي مۇسكۇلنى بوشىتىدۇ، چوڭ مېڭىدىكى ئۇيقۇغا پايدىلىق مىلاتونېننىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ،كاۋا ئۇرۇقىدا ماگنىي مول، ئۇنىڭدىن كۈندە بىر سىقىم يەپ بەرسە، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە پۇرچاقنىمۇ ماگنىي مول.

كوكۇس شىرنىسى:

 ساپ كوكۇس شىرنىسىدە بار كالىي، كالتسىي، ماگنىي ۋە فوسفور بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مۇسكۇل ۋە مېڭىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ھەمدەم بولىدۇ، بەدەننىڭ ماددىلارنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتسا، ئۇخلاۋاتقاندا پەي تارتىشىپ بىئارام بولىدۇ.

گىلاس شەربىتى:

 گىلاس شەربىتىدە مىلاتونېن مول، ئۇ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان ئېسىل ماددا.

توخۇ گۆشى:

توخۇ گۆشىدە بار سېروتونىن ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ، شۇنداقلا مىلاتونېننىڭ ئاجرىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق كەچتە يېگەن توخۇ گۆشى بەدەننىڭ ئاقسىل قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىپ، تېرەن ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇز ئىستېمالىنىڭ كەملىكى يۈرەك كېسەللىكلىرىنى قوزغىشى مۇمكىن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بىر ئىستاكان لىمون سۈيىنىڭ ئۈنۈمى راستىنلا چوڭمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .