سۇ بىلەن داۋالىغىلى بولىدىغان كىسەللىكلەر


سىمىزلىك:بەزىلەر،«سۇ ئىچمەي ئورۇقلىغىلى بولىدۇ»دەپ قارايدۇ،بىراق بۇ بىر خاتا قاراش.ئادەم يىتەرلىك سۇ ئىچمىسە،بەدەندىكى ياغ پارچىلانماي،بەدەن تېخىمۇ؛يەنە بەدەندە نۇرغۇن خىمىيەلىك رىئاكسىيە سۇنى ۋاستە قىلىدۇ،ھەزىم قىلىش ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىمۇ سۇغا ئىھتىياجلىق،بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارمۇ سۇ ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا ھەيدىلىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىق:ئادەم ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ،ھېچ بولمىسا پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ بەرسە ئاسان ئۇخلايدۇ.سۇنىڭ يەنە بەدەننى ئۇۋلاش رولى بار،سۇ يەنە ئەڭ ياخشى تىنىچلاندۇرغۇچى.

تىت -تىتلىق:ئادەمنىڭ روھى ھالىتى ھورمونغا باغلىق ھورموننىڭ بىر خىلى خوشاللىق،يەنە بىر خلى خاپىلىق پەيدا قىلىدۇ.ئادەم ئازاپلانغان ياكى ئاچچىقلانغاندا پەيدا بولىدىغان خاپىلىق ھورمونى سۇغا تايىنىپ بەدەن سېرتىغا ھەيدىلىدۇ.

يۈرەكنى قوغدايدۇ:ئەگەر يۈرەك ھەرىكىتى بىنورمال بولسا،ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە،سەھەردە ئاسانلا يۈز بېرىدىغان يۈرەك سانجىقى،بۆرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۇقىرى مايلىق قان كېسىلىنى يېمەك ئىچمەك بىلەن داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سېغىزنى كۆپ چاينىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .