يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ، تالا ماددىسى ۋە مېنرال ئېلېمېنىتلار كۆپ بولۇپ ، سالامەتلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

قانداق قىلغاندا يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن تەلتۆكۈس خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

   1. خام يېگىلى بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر خام يېيىش : يېشىل كۆكتاتلارنى خام يەپ بەرسە ۋىتامىنلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ ، مەسىلەن: تۇرۇپ، سەۋزە، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى خام يېسە ھەم تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ ھەم تەركىبىدىكى ۋىتامىنC بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ . ئەمما، تازىلىقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   2. تاماق يېگەندە، ئالدى بىلەن كۆكتات يېيىش : قورساق ئاچقاندا ئىشتىھا كۈچىيىدىغان گەپ ، ئەمماداستىخاندا ھەرقانچە گۆشلۈك ئېسىل غىزالار بولغان تەقدىردىمۇ ئاۋۋال كۆكتات يېيىش كېرەك . چۈنكى كۆكتات ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم غىزالارنىڭ بىرى . بولۇپمۇ ئانچە مېۋە يېمەيدىغانلار كۆكتات يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   3. كۆكتاتقا قوشۇمچە خۇرۇچلارنى قوشماسلىق . يېشىل كۆكتاتلارنى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايناق سۇدا قاينىتىش ، قوشۇمچە خۇرۇچلارنىقوشماسلىق ، ئىمكانقەدەر ياغسىز، سۇيۇق قىلىپ يېيىش كېرەك.

   4. كۆكتاتتىن ئىچىملىك ياسىماسلىق : كۆكتاتتىن ئىچىملىك (شەربەت) ياساپ ئىچكەندە ، شۆلگەي تەركىبىدىكى ھەزىم فېرمىنتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . چۈنكى چايناشتىكى مەقسەت تاماقنى پارچىلاشنىڭ ئەمەس بەلكى چايناش ئارقىلىق شۆلگەيدىكى ھەزىم فېرمىنتىنى ئىچىملىك، يېمەكلىك بىلەن تولۇق ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

   5. ياۋا كۆكتاتقا بەك ۋاي دەپ كەتمەسلىك . بىر قىسىم كىشىلەر ياۋا كۆكتاتنى بۇلغانمىغان ، ساپ ھەم ئوزۇقلۇق مول دەپ قارىغاچقا، ياۋا سەي-كۆكتات بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشمەكتەمۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرگە توغرا ياۋا كۆكتات قارىشى تۇرغۇزۇش لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ .

   كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى يېڭىلىق ئىزدەپ ياۋا كۆكتاتلاردىن ئىشتىھا ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمما ياۋا كۆكتاتئادەتتىكى كۆكتاتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماقتىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تائاملار زىيادە ياغلىق بولۇپ كەتمىسۇن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .