تاماقتىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

 1. تاماكا چېكىشكە ئالدىرىماسلىق لازىم . تاماقتىن كېيىنلا تاماكا چەككەندە ئۇنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ .تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى قان ئايلىنىش مىقدارى كۆپىيىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ قانغا سۈمۈرۈلۈشى تېزلىشىپ جىگەر، مېڭە، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ .

   2.چاي ئىچىشكە ئالدىرماسلىق لازىم . چايدا كۆپ مىقداردا كىسلاتالىق ماددىلار بولغاچقا ، ئۇيېمەكلىكتىكى تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق ماددىلار بىلەن بىرىكىپ ئاسان ئېرىمەيدىغان ماددىغا ئايلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ سۈمۈرۈلۈشى تەسلىشىدۇ .

   3. يۇيۇنىشقا ئالدىرماسلىق لازىم . تاماق يەپ بولۇپلا يۇيۇنغاندا بەدەندىكى قان ئايلىنىش تېزلىشىپ ، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

   4. تاماق يەپ بولۇپلا ياتماسلىق لازىم . كونىلاردا ‹‹تاماقتىن كېيىن ياتسا سەمرىيدۇ›› دېگەن گەپ بار. تاماقتىن كېيىن 20 مىنۇت ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش لازىم.

   5.تاماقتىن كېيىن قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم . قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ تاماقنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   6 .تاماقتىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكلازىم . چۈنكى چوڭ مېڭىدە ۋاقىتلىق قان يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.

   7.تاماقتىن كېيىن مېۋە-چىۋە يېيىشكە ئالدىرماسلىق لازىمبۇنداق بولغاندا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ .

   8.تاماقتىن كېيىن ئىشتاننىڭ بەلبېغىنى بوشاتماسلىق لازىم . بۇنداق بولغاندا ئاشقازان تۆۋەنلەپ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كېسەلگە قاراپ يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېشىل كۆكتاتلارنى يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .