قېتىق ئىچىشتىكى خاتا قاراشلار

    ‹‹قېتىق قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى ››دەپ قاراش:ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن قويۇق قېتىقلارغا ھەرخىل قويۇقلاشتۇرۇش ماددىسى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ قىلچىمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق. پەقەتلا قېتىقنىڭ تەمىنى تەڭشەيدۇ، شۇڭا قېتىقنىڭ قويۇقياكى سۇيۇق بولۇشىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق.

    ‹‹قېتىقنى چوقۇم سوغۇق ئىچىشكېرەك››دەپ قاراش:كۆپلىگەن ئادەملەر قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى ‹‹باكتېرىيە››نىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، يېڭىدىن تەييارلانغان قېتىقتائاكتىپ باكتېرىيە ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، پەقەت قېتىقنى سوغۇق ساقلىغاندىلا ئاكتىپ باكتېرىيەنى ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما ئاشقازان، ئۈچىيى ئاجىز بولغان ياشانغانلار ۋە بالىلار قېتىقنى سوغۇق ئىچمەسلىكى كېرەك.

    ‹‹پەقەت قېتىق ئىچىپ بەرگەندىلا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ››دەپ قاراش :قېتىقنىڭ ئادەمنى ئورۇقلىتىش رولى بار دەپ قارىلىدۇبىراق ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولغاچقا، ئادەمنىڭ قورسىقى ئاچ ۋاقىتتا ئاشقازانكىسلاتاسى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قېتىق ئىچكەندە پايدىلىق باكتېرىيە رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

    قېتىقنى كىملا ئىچسە بولىۋېرىدۇ›››دەپ قاراش:قېتىقنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئادەمئىچسە بولمايدۇ. 1ئاشقازان يارىسى بار، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر. 2كالا سۈتى رېئاكسىيە قىلىدىغانلار .3)ئىچى سۈرۈپ قالغانلار. 4)بىرياشقا توشمىغان بۇۋاقلار.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يېمەكلىك ئىستېمالىدىكى ئالاھىدە پەرھىزلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېۋە – چېۋىنى مىجەزگە قاراپ يېيىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .