مۇۋاپىق چاي ئىچىش ساغلاملىققا پايدىلىق ئەمما دائىم قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىش بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، يەنە سۆڭەكنى بوشىتېۋىتىدۇ

 

شۇڭا قېنىق دەملەنگەن چاينىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . ھازىر ‹‹چاي خاراكتېرلىك فوسفوردىن زەھەرلىنىش كېسىلى››بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ .

چاي ئارقىلىق فوسفوردىن زەھەرلەنگەندە ، ماغدۇرسىزلىنىش ، ئىنكاسى ئاستىلاش ، باش قېيىش ، باش ئاغرىش ، خاتىرىسى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . قېنىق دەملەنگەن چايدا فوسفور ماددىسى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ . كۆپىنچە كىشىلەر قېنىق دەملەنگەن چاي ھاراق كەيپىياتىنى تۈگىتىدۇ دەپ قارايدۇ ، ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە .

 

  ئامېرىكا ئالىملىرى 50 ياشتىن ئاشقان 3170 ئادەمنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ، كۈندە بەش ئىستاكان قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ سۆڭەك سۇنۇش ئېھتىماللىقى قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەيدىغانلارنىڭكىدىن %70يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .

قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدە قەھۋە ئىشقارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ ، بۇ 12 بارماق ئۈچەينىڭ كالىتسىي قوبۇل قىلىنىشىنى تېزگىنلەش بىلەن بىللە كىچىك تەرەتنى كۆپەيتىپ ، كالىتسىينىڭ چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ . بۇ كالىتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىش ، بوشاپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ .

شۇڭا بىر ئىستاكان چايدىكى چاي مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، كۈندىكى چاي ئىككى ئىستاكاندىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇرۇپ بىلەن ئالمىنى بىللە ئىستېمال قىلسا، قالقانسىمان بەزگە زىيان يەتكۈزىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى شورپىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .