كىشلەر مېۋە–چېۋىنى خالىغان ۋاقىتتا يېيىشكە ئادەتلەنگەن ئادەتتە مېۋە–چېۋىنىڭ كۆپىنچىسى سوغۇق تەبىئەتلىك بولغاچقا ، خالىغان ۋاقىتتا ئىستېمال قىلسا ، ئاشقازاننى غىدىقلاپ ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ

   بەزى كىشلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە تاماقتىن كېيىن مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ مېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز . بەزى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا باشقا يېمەكلىكتىكى مىنېرال ماددىلار بىلەن بىرىكۋالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ .
 
   بەزى مېۋىلەر تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى سۇنى قوبۇل قىلىۋېلىپ ، ئاشقازان ، ئۈچەيدىكى يېمەكلىكنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ . ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا مېۋە يېسە ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، مېۋە–چېۋىنى ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن يېيىش كېرەك . بۇ ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق .
 
ئابلەت ئابلىز سەردارى تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چاقما كاۋا ئىستېمال قىلسا ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېۋە شەربەتلىرى ساغلاملىق ئىچىملىكى ئەمەس توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .