دۇفۇ ۋە پالەكنى بىللە قاينىتىشتىن ساقلىنىڭ دۇفۇ بولسا پۇرچاق سۈتىگە تۇز دۇغى ياكى

 دۇفۇ ۋە پالەكنى بىللە قاينىتىشتىن ساقلىنىڭ
 
   دۇفۇ بولسا پۇرچاق سۈتىگە تۇز دۇغى ياكى گىپىس قوشۇپ ياسىلىدۇ . تۇز دۇغىدا ماگنىي خلورىد، گىپىس تەركىبىدە كالتىسىي سۇلفات، پالەك تەركىبىدە نۇرغۇن چۆپ كىسلاتاسى بار. ئۇلار ماگنىي خلورىد ، كالتىسىي سۇلفاتلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ، سۇدا ئېرىمەيدىغان ماگنىي چۆپ كىسلاتاسى ياكى كالتىسىي چۆپ كىسلاتاسى ئاق چۆكمىسى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەم بەدىنى كالتىسىي تۇزلىرى ۋە ماگنىي تۇزلىرىنى ھەزىم قىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا پالەك ۋە دۇفۇنى بىللە قاينىتىش ئىلمىي ئەمەس.
 
  قىزىل تۇرۇپ بىلەن ئاق تۇرۇپنى بىللە پىشۇرۇشتىن ساقلىنىڭ
 
   قىزىل تۇرۇپ بىلەن ئاق تۇرۇپنى بىللە قاينىتىش ئىلمىي ئەمەس ، چۈنكى قىزىل تۇرۇپ تەركىبىدكى بىر خىل كىسلاتا قان ئىنزىمىنىڭ ئېچىشىغا قارشى تۇرالايدىغان بولۇپ ، ئاق تۇرۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ، ئىككىسىنى بىللە پىشۇرغاندا ئاق تۇرۇپنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭا، ئاق تۇرۇپ بىلەن قىزىل تۇرۇپنى ئايرىم پىشۇرۇش كېرەك .
 
  كالا گۆشى بىلەن كاشتاننى بىللە پىشۇرۇشتىن ساقلىنىڭ
 
   كالا گۆشى تاتلىق مۆتىدىل ، قۇۋۋەتلىك؛ كاشتان تۇزلۇق مۆتىدىل، قوساقنى كۆپتۈرۈپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . يېمەك-ئىچمەك دورىلىق خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا ئىككىسىدە زىتلىق يوق ؛ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدىن قارىغاندا، كاشتان تەركىبدە ئاقسىل، قەنت، كراخمال، ماي بولۇشتىن باشقا، ۋىتامىنC مول بولۇپ، ھەر يۈز گرامدا 40 مىللىگىرام ۋىتامىنC بار . ئۇندىن باشقا، كاروتېن، B تۈردىكى ۋىتامىن ۋە ماي تەركىبىمۇ بار. كاشتان تەركىبىدىكى ۋىتامىنC ئاسانلا كالا گۆشىدىكى مىكرو ئىلمېنىتلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ، كاشتاننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى ئاسانلىقچە ھەزىم بولمايدۇ، بىللە قورۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ .
 
  توخۇ گۆشى ۋە قىچا تالقىنىنى بىللە ئېستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
 
   ئەگەر بۇ ئىككىسىنى بىللە يېگەندىن كېيىن ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى بۇزغۇچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئەمما قىچا تالقىنى ئىسسىقلىق تىپىدىكى ماددا، توخۇ بولسا مۆتىدىلگە تەۋە، ئىسسىقتىن قورقىدۇ، ساغلاملىققا پايدىسىز .
 
  تۇخۇم بىلەن پۇرچاق سۈتىنى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ
 
   دائىم ئىستېمال قىلىدىغان تۇخۇم ۋە پۇرچاق سۈتى ھەممىسى تەركىبىدە مول ئاقسىل بولغان ئۇزۇقلۇق يېمەكلىك . ئىلمىي ئۇزۇقلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا ، ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . چۈنكى خام پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە ئاشقازان ئاستى بېزى ئاقسىل ئېنزىمىنى چەكلىگۈچى ماددا بار، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل ئېنزىمىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ، ئاقسىلنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھەزىم قىلىنىشىغا ۋە سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇخۇمنىڭ تۇخۇم ئېقىدا شارسىمان ئاقسىل بار بولۇپ ، ئۇ پۇرچاق سۈتىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئاقسىل ئېنزىمى بىلەن بىرلىشىپ ، ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىنى تۇسۇپ قۇيۇپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا، پۇرچاق سۈتى بىلەن توخۇ تۇخۇمى ياكى تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئېستىمال قىلىش كېرەك، بىللە ئېستىمال قىلىشقا بولمايدۇ .
 
ئابدۇقاھار ئىمىننىياز تەرجىمىسى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن ئىچ سۈرۈكنى توختاتقىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .