1 تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بىمارلىرى يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ھەزىم يولىدا ئىككىلەمچى تۆمۈرگە ئايلانغاندا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ سۈت ئىچسە ، بەدەندىكى ئىككىلەمچى تۆمۈر بىلەن سۈتتىكى كالتىسى ، فوسفور تۇزلىرىدىن ئېرىمەيدىغان بىرىكمە ھاسى


   2. يېنىش خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى بىمارلىرى . تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، قايماقلىق سۈت تۆۋەنكى قىزىل ئۆڭگەچ پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ياكى ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ يېنىشىنى كۈچەيتىپ ، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
 
   3. قورساق قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلار . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسنىڭ ئۈچىيىدە يەل پەيدا بولىۋالىدۇ . سۈت تەركىبىدە ياغ ۋە پىشلاق ئاقسىلى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ئاسان ھەزىم بولمايدۇ . ئېچىغاندىن كېيىن يەل پەيدا قىلىپ ، ئۈچەيدىكى يەلنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ . بۇ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشگە پايدىسىز .
 
   4. ھەزىم يولى يارىسى بىمارلىرى . سۈت گەرچە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ يارىغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلەتسىمۇ ، بىراق ئاشقازان ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ زور مىقداردا ئاشقازان كسلاتاسى ئاجرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەلنى تېخمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
 
   5. سۈت قەنتى كىسلاتاسى كەمچىل بىمارلار . سۈت تەركىبىدە سۈت قەنتى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ھەزىم يولىدىكى سۈت قەنتى كىسلاتاسىنىڭ رولى ئاستىدا سۈت قەنتى ۋە گىلۇكوزىغا پارچىلانغاندىن كېيىنلا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . ئەگەر بەدەندە سۈت قەنتى كسلاتاسى كەمچىل بولسا ، سۈت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قورساق ئاغىرش ۋە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .
 
  6. ئۆت ياللۇغى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى . سۈتتىكى ياغ ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ستېئاپسىننىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ھەزىم بولىدۇ . بۇ خىل بىمارلار سۈت ئىچسە ، ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكى ئېشىپ ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بىر قىسىم مېۋىلەرنىڭ ناچار تەسىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .