تۇخۇم تەركىبىدە بەدەنگە كېرەكلىك ئاقسىل ماددىلىرى مول بولۇپ ، بىر تال تۇخۇمدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن تۆت گىرام ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولىدۇ

بۇ خىل ئاقسىللار چاچنىڭ ئۆسۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ،ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ئاقسىللار كەملەپ كەتسە ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن چاچقا ئاق چۈشىدۇ ۋە چاچ كۆپ چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا دائىم تۇخۇم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،چاچنى يېتەرلىق ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپ ،چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،چاچقا بالدۇر ئاق كىرىشنىڭ ،چاچ كۆپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
 
   ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە تۇخۇم تەركىبىدە ۋىتامىن B12مۇ بىر قەدەر مول بولۇپ ، بەدەندە بۇ خىل تەركىب يېتەرلىك بولمىسىمۇ ، چاچقا ئاسان ئاق كېرىدۇ . ئەگەر دائىم تۇخۇم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ، بۇ خىل ۋىتامىننىمۇ ۋاقتىدا تولۇقلىغىلى ۋە چاچنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مېۋە ئارقىلىق ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قارا كۈنجۈتنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .