* تاتلىق ئانار سۈيىدە شەربەت ياساپ ، كۈندە بىر قېتىمدىن بىر قانچە كۈن ئىچىپ بەرسە ، قاننى كۆپەيتىپ ، ماغدۇرسىزلىقنى يوقىتىدۇ

    * تاتلىق ئانار سۈيىدە شەربەت ياساپ ، كۈندە بىر قېتىمدىن بىر قانچە كۈن ئىچىپ بەرسە ، قاننى كۆپەيتىپ ، ماغدۇرسىزلىقنى يوقىتىدۇ .
 
   * بېھىنى پاكىز يۇيۇپ ، يالپاقلاپ مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ مۇراببا ياساپ ، كۈندە ئىككى ، ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن بىر قانچە كۈن ئىستېمال قىلسا ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ .
 
   * ناشتىدا ئەنجۈر بىلەن بادام مېغىزى يېيىشنى بىر قانچە كۈن داۋاملاشتۇرسا ، بەدەننى كۈچەيتىپ ، ماغدۇرسىزلىققا شىپا بولىدۇ .
 
   * بادام مېغىزى 60 گىرام ، ئاق جىگدە ، ياڭاق ، ئۆرۈك ، گازىر مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گىرامنى سوقۇپ ، كۈندە بىر قېتىمدىن يېيىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ ھەم ماغدۇرسىزلىقنى تۈگىتىدۇ .
 
   * كۈندە بەش ، ئالتە دانە ياڭاق يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا شوخلىنى خام يېگەندە ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تۇخۇم ئېستىمال قېلىپ بەرسە ، چاچقا ئاق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .