تومۇز ئىسسىقتا نۇرغۇن كىشى شوخلا يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ئەمما ئۇلار شوخلىنى خام يېگەندە ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ

   شوخلىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق تەركىب لىكوپېرزىتسىن بولۇپ ، ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا ، ‹‹ ئالتۇن ئۆسۈملۈك ›› دەپ تەرىپلىنىدۇ . تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، بۇنداق ماددا مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن .

شۇنىڭ بىلەن بىللە ، لىكوپېرزىتسىننىڭ يەنە ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن . شوخلىنى قىزىتىپ ياكى ياغدا قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەننىڭ لىكوپېرزىتسىننى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن . چۈنكى شوخلىنى قىزىتقاندىن كېيىن شوخلىنىڭ ھۈجەيرە دىۋارى بۇزۇلۇپ ، لىكوپېرزىتسىن تولۇق ئاجرىلىپ چىقىدىكەن .

ئۇنىڭدىن باشقا ، شوخلىنى خام يېگەندە ئازراق ياغ ئارىلاشتۇرۇۋەتسىمۇ لىكوپېرزىتسىننىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئاشىدىكەن . لېكىن ، بۇنداق قىلغاندا ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، ئەڭ ياخشىسى شوخلىنى قىزىتىپ يېيىش كېرەك .
 
   بەزىلەر: شوخلىنى قىزدۇرغاندىن كېيىن ۋىتامىن Cزىيانغا ئۇچرىمامدۇ ؟ دەپ قارايدۇ .

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . شوخلىدا مېۋە كىسلاتاسى مول بولۇپ ، شوخلىنى قىزدۇرغاندىن كېيىن مېۋە كىسلاتاسى ۋىتامىن C نى مۇئەييەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، باشقا كۆكتاتلاردا ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى شوخلىدىن كۆپ بولغاچقا ، شوخلىنى قىزدۇرۇپ يېگەندە زىيانغا ئۇچرايدىغان ۋىتامىن C باشقا كۆكتاتلار ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، لىكوپېرزىتسىن شوخلا تەركىبىدىلا ئەڭ كۆپ . شۇڭا ، قىزدۇرۇلغان شوخلا ياكى شوخلا قىيامىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياۋا كۆكتاتنىڭ رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېۋە ئارقىلىق ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .