ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق يېغى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلىككە زور پايدىسى بولىدىكەن بېلىق يېغى تەركىبىدە ئېكوساپېنتېنوئىك ئاكىد (EPA) بىلەن دوكوساخېشائېنوئىك ئاكىد (DHA) مول بولىدۇ بۇلار ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتاسىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق تەركىبلەر بولۇ

تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، بېلىق يېغى يەللىكلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەللىكنى يېنىكلىتىدىكەن، بوغۇم يەللىكى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن بۇ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن، شۇنداقلا ئۇ ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئاسراشتىكى مۇھىم ياردەمچى بولۇپ، ‹‹ئاجىزلىشىشقا قارشى تۇرىدىغان ياغ››، دەپ ئاتىلىدىكەن.
 
    ‹‹ئامېرىكا تېببىي ئىلىم ژورنىلى››دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېلىق يېغى ساقلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ‹‹ياشارتىش›› رولىغا ئىگە ئىكەن.

2009 - يىلى ئامېرىكىدىكى ئۈچ ئالىمنىڭ بايقىشىچە، قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتاسى يۇقىرى بولغاندا، ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ياشىشىدىكى تېلومېرنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك قېرىشىنى ئاستىلىتىدىكەن؛ ئەكسىچە، تېلومېر قىسقا بولغاندا، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشى تېز بولىدىكەن.
 
رەيھانگۈل قۇدرەت تەرجىمىسى
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىگەنلىك ناشتىدا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياۋا كۆكتاتنىڭ رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .