ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، ياڭاق تەركىبىدە مېلاتونىن مول بولۇپ ، ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىكەن

 مېلاتونىن ئادەم بەدىنىدىكى ئۇيقۇ رىتىمىنى تەڭشەيدىغان ھورمون بولۇپ ، كېچىدە مېلاتوننىڭ كۆپىيىشى ياخشى ئۇخلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھىسابلىنىدۇ . ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ، نۇرغۇن كىشىنىڭ مېلاتونىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . بۇ ، نورمال ئۇيقۇغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ .
 
   ياڭاق تەركىبىدە ياغ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياڭاقنى بەك كۆپ يېگەندە ئۇيقۇغا ئەكىس تەسىر كۆرستىدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىر - ئىككى تال ياڭاق يېيىش كېرەك . بىر قاچا ياڭاق تالقىنى ۋە كۈنجۈت تالقىنىنى تەڭشەپ ئوماچ قىلىپ ئىچسىمۇ ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا شاكىلاتمۇ مەست قىلىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەتىگەنلىك ناشتىدا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .