ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ، شاكىلاتنى كۆپ يەيدىغانلار ئىچىدە %61 ئادەمدە بىر خىل ھاراق ئىچكەن ئادەملەرگە ئوخشاش ئالامەت كۆرۈلگەن


نەچچە يۈز ئادەم ئۈستىدە مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان : تەجرىبىگە قاتناشقان ئادەمنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ھاراق ئىچىشى ، ئۈچ سائەت ئىچىدە تاماق يېيىشىنى چەكلەپ ، ئاندىن ئۇلارغا بەش گىرام گىلۇكوزا بەرگەن .

بىر سائەتتىن كېيىن 311 نەپەر تەجرىبىگە قاتناشقۇچىنىڭ قېنىدا ئېتىل ئالكوھول(ئىسپىرىت)بايقالغان . يەنە بىر گۇرۇپپا 200 نەپەر بالا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدە ، شاكىلاتنى كۆپ يېگەن بەزى بالىلاردا ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى باسالماسلىق ياكى مۈگدەپ ئۇخلاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن .

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇلارنىڭ قېنىدىكى ئېتىل ئالكوھول قويۇقلۇقى شاكىلات يېمىگەن بالىلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .

ھەر 100 گىرام شاكىلات تەركىبىدە 30 -45 گىرام گىلۇكوزا بار . ئەگەر بۇ مىقداردىن 6-9 ھەسسە كۆپ يېسە ، ‹‹ شاكىلات مەستلىكى›› كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، ماشىنا ھەيدىگەنلەر ۋە بالىلار شاكىلاتنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈندە بىر باش سامساق يېسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر - ئىككى تال ياڭاق يېسە ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .