تېببىي پەن دوكتورلىرىنىڭ قارىشىچە ، كۈندە يېرىم باش پىيازنى خام يەپ بەرسە ياكى شۇنىڭغا باراۋەر باش پىياز شىرنىسى ئىچىپ بەرسە يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ زىچلىقى يۇقىرى ياغ ئاقسىلى مىقدارىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 كۆپەيتىدىكەن


  تېببىي پەن دوكتورلىرىنىڭ قارىشىچە ، كۈندە يېرىم باش پىيازنى خام يەپ بەرسە ياكى شۇنىڭغا باراۋەر باش پىياز شىرنىسى ئىچىپ بەرسە يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ زىچلىقى يۇقىرى ياغ ئاقسىلى مىقدارىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 كۆپەيتىدىكەن (بۇ زىچلىقى يۇقىرى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن بولۇپ ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ، دەپ قارىلىۋاتقان خولېستېرىندىن ئىبارەت) .

كۈندە يېرىم باش پىيازنى يەپ بېرىش ياكى شۇنىڭغا باراۋەر باش پىياز شىرنىسى ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق يۈرەكنى ئاسراش ئەل ئارىسىدىكى رېتسېپ بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق باش پىيازنىڭ پايدىلىق خولېستېرىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىغان .

بىراق ، باش پىيازنى قانچە پىششىق پىشۇرسا ، ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن .

خولېستېرىن|胆固醇
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا باش پىياز ياغنى پارچىلايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گۆش يېگەندە سامساق يەپ بېرىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .