باش پىياز ياغنى پارچىلايدۇ تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يۈرەك كېسىلى بارلارغا كۈندە باش پىياز يېيىشنى تەۋسىيە قى

  باش پىياز ياغنى پارچىلايدۇ
 
   تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يۈرەك كېسىلى بارلارغا كۈندە باش پىياز يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، چۈنكى ، باش پىياز تەركىبىدىكى بىرىكمە ماددا قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇۋېلىشىنى توسىدۇ ھەم ئۇيۇۋالغان قاننىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ . شۇڭا ياغ تەركىبىي يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى باش پىياز بىلەن قوشۇپ يېسە ، ياغلىق يېمەكلىك پەيدا قىلىدىغان قاننىڭ ئۇيۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق .

 
 
  باش پىياز ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
 
   باش پىياز ، سامساق ، غول پىياز ، كۈدە قاتارلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە راكقا قارشى خىمىيەلىك ماددا بولۇپ ، تەتقىقاتچىلار باش پىيازنى قانچە كۆپ يېسە ، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆكتاتلارنىڭ دورىلىق رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى باش پىياز خولېستېرىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .